تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ساياھەتچىلىك يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات مەزگىلىگە كىردى

  مۇخبىرىمىز جاڭ خەيفېڭ

  گۈزەل شىنجاڭنىڭ داڭقى يىراقلارغا تارقىلىپ، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر بەس- بەستە كەلدى. بۇ يىل شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانىنىڭ 150 مىليون ئادەم قېتىملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشىدىن ئۈمىد بار. بىراق 40 يىل ئىلگىرى، شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ناھايىتى ئاز ئىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، ئۈزلۈكسىز يېتىلىپ، زورىيىپ، تەرەققىيات مۆجىزىسى ياراتتى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون تىرىشىپ ساياھەتچىلىكنى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم موتورىغا ئايلاندۇردى، ساياھەتچىلىك مىسلىسىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىيات مەزگىلىگە كىردى: ئېسىل مەنزىرىلىك رايونلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ساياھەتچىلەر سانى فونتانسىمان ئاشتى، ھەرخىل ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز بولۇپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» پۈتۈن مەملىكەتتە، ھەتتا دۇنيادا ياڭرىماقتا.

  ئېسىل مەنزىرىلىك رايونلار بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭ ساياھىتىنىڭ گۈزەل نامى تەرەپ- تەرەپكە تارالدى

  قەھرىتان قىشتا ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قاناس مەنزىرە رايونى ئاق لىباسقا پۈركىنىپ، سېھرىي تۈسكە كىرگەنىدى. 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، گۇاڭجوۋلۇق ساياھەتچى ۋاڭ شىڭخۇا ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇ قېتىمقى سەپىرىم ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولدى! بۇ، دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قار ماكانى ئىكەن!» دېدى. قاناس مەنزىرە رايونى جۇڭگو ۋە چەت ئەلدە شۆھرەت قازانغان دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ.

  2007- يىلى ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونى، شىنجاڭ تىيانشان تېغى بوغدا كۆلى ۋە تۇرپان شەھىرىدىكى بۇيلۇق تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاتارىغا كىرگەن شىنجاڭدىكى ئۈچ مەنزىرە رايونى بولۇپ قالدى. بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېسىل مەنزىرىلىك رايون ئىستراتېگىيەسىدە دەسلەپكى نەتىجە- ئۈنۈم كۆرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بىر ئېسىل مەنزىرىلىك رايون بىر پارچە «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا» بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىلىك ئېففېكتىگە گەپ كەتمەيدۇ. شىنجاڭ رەڭگارەڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىگە ئىگە، يەنە ئۇزاق تارىخ ۋە مەدەنىيەتنىڭ توپلىنىشىدىن شەكىللەنگەن ئۆزگىچە گۇمانىتار مەنزىرىگە ئىگە.

  ئاپتونوم رايون ئېسىل مەنزىرىلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، مەملىكەت ئىچى- سىرتىغا داڭلىق بىر تۈركۈم ئېسىل مەنزىرىلىك رايون بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى تەدرىجىي ھەممە كىشىگە بىلدۈردى.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە يېڭىدىن دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن يەتتىسى كۆپەيدى، ھازىر شىنجاڭ بويىچە دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن 12سى بار بولۇپ، سان جەھەتتە غەربىي قىسىم بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونىدىن 369ى بار بولۇپ، رەڭگارەڭ ساياھەت مەنزىلگاھى داڭلىق ماركا سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. بۇ مەنزىرىلىك رايونلارنىڭ فۇنكسىيەسى ھەر خىل، ئۆرپ- ئادىتى ھەر خىل بولۇپ، تەبىئىي ئۆزگىچە مەنزىرىسى ۋە خاس گۇمانىتار مەنزىرىسى ئۆزئارا گىرەلىشىپ جۇلالىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ داڭلىق ماركا ئېففېكتىنى مەركەزلىك تارقاتتى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» گۈزەل نامى يىراقلارغا تارقىلىپ، شىنجاڭمۇ كۈنسېرى دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلى قىزىق نۇقتا رايونلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  2017- يىلى، شىنجاڭ بويىچە ساياھەتچىلەر سانى تۇنجى قېتىم 100 مىليون ئادەم قېتىملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 182 مىليارد 197 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشتى. ساياھەتچىلىكنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى كۈنسايىن گەۋدىلەندى.

  شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەۋلاد ساياھەت يېتەكچىسى بى يادىڭ ئاپتونوم رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ 40 يىللىق تەرەققىيات مۆجىزىسىنىڭ گۇۋاھچىسى. بى يادىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: 1982- يىلى، شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ناھايىتى ئاز ئىدى، بۇ يىل 150 مىليون ئادەم قېتىملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشتىن ئۈمىد بار، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز!

  ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ساياھەتچىلەر تېخىمۇ ئازادىلىك ھېس قىلدى

  ساياھەتچىلىكنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھەلەردۇر. مەنزىرە نۇقتىلىرى تارقاق، يول يىراق بولۇش ئىلگىرى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت ئىدى. ئاپتونوم رايون تاشيول، تۆمۈر يول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى ماسلاشتۇرۇپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ بۇ بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى.

  ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت 5A دەرىجىلىك 12 مەنزىرە رايونىنىڭ ئالتىسىدە دۆلەت ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بىلەن قاپلاش ياكى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئۈچىدە ئادەتتىكى دۆلەت يولى بىلەن قاپلاش ياكى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 4A دەرىجىلىك 73 مەنزىرە رايونىنىڭ 48ىدە دۆلەت ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بىلەن قاپلاش ياكى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بى يادىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: 1982- يىلى مەن ئىچكىرىدىكى بىر نەچچە كەسىپدىشىمنى باشلاپ بوغدا كۆلىگە بارغاندا، بىر قېتىم بېرىپ- كېلىشكە سەككىز- توققۇز سائەت كەتكەنىدى. ھازىر ئۈرۈمچىدىن فۇكاڭغا بىر سائەت ئەتراپىدا بېرىپ بولغىلى بولىدۇ، فۇكاڭ قاتناش بېكىتىدىن بوغدا كۆلىگە بارىدىغان مەخسۇس لىنىيەلىك ئاپتوبۇس بار بولۇپ، 20 مىنۇتتىلا بوغدا كۆلىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، ناھايىتى قولايلىق ئىكەن.

  يوللار راۋانلىشىپلا قالماي، تۆمۈر يول تارماقلىرىمۇ شىنجاڭ بويىچە تۆمۈر يول تورىنى پائال مۇكەممەللەشتۈردى، قىزىق نۇقتا ساياھەت لىنىيەلىرىدە ساياھەت مەخسۇس پويىزى قاتنىدى. ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرى شىنجاڭدىكى بارلىق ئېسىل مەنزىرىلىك رايونلارنى تۇتاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ تېز، قولاي، تېخىمۇ راھەت بولغان ساياھەتنى ھېس قىلدۇردى.

  شىنجاڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى تارماقلىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى يىغىلىش- تارقىلىش مەركىزى، ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنى تىرەك قىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتتى. 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئالتاي «بوشلۇق ئاپتوبۇسى» قاتنىشىنى يولغا قويۇپ، تۇنجى قېتىم تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدىن مەنزىرە رايونلىرىغا بارىدىغان «كۈچ ئۇلاپ ئۇچۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى ھەر تەرەپلىمىلىك بولدى. ئىلگىرى مەنزىرە نۇقتىسى، مەنزىرە رايونلىرىدىكى ھاجەتخانىلار ساياھەتچىلەرنى بىزار قىلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە چىرايلىق، پاكىز يۇلتۇز دەرىجىلىك ھاجەتخانىلار ساياھەتچىلەرنىڭ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىغا سازاۋەر بولماقتا. تۇرپان شەھىرىنىڭ بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەت ھاجەتخانىسىنىڭ كۆرۈنۈشى رەتلىك سېلىنغان چۈنچىلەرگە ئوخشاش بولۇپ، ئىچىدە مېيىپلەر ئىشلىتىدىغان ئايرىم ھاجەتخانا، بىخەتەرلىك تۇتقۇچى، بالىلار قول يۇيۇش ئورنى، بوۋاقلارنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇش ئورنى، كىيىم ئاسقۇچ، كىچىك ئورۇندۇق قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى ھەر تەرەپلىمە يېقىشلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇنداق «ئىچى- تېشى ئوخشاشلا چىرايلىق بېزەلگەن» ساياھەت ھاجەتخانلىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى قاپلىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ساياھەتچىلەر ئىستېمالىنىڭ ئۆسۈشى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ مۇلازىمىتىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى، تېخىمۇ ئادىمىيلىكلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ گۈزەل نامىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  «ساياھەت+» ئېسىللىقنى نامايان قىلىپ، ھەممە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، پۇقرالارنى بېيىتتى

  11- ئاينىڭ 10- كۈنى ئەنخۇيلىك ساياھەتچى لى تاۋ مۇنداق دېدى: 1985- يىلى مەن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ بوغدا كۆلىگە بېرىپ كۆرۈپ كەلگەنىدىم. بۇ قېتىم كەلگىنىمدە بوغدا كۆلىنىڭ مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ، يەنە ئارشاڭ، قار تېيىلىش، ئائىلىۋى ياتاق، ئۆرپ- ئادەت باغچىسى، مەززىلىك تائاملار كوچىسى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمىدىم.

  لى تاۋنىڭ ئېيتقىنى نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ئورتاق تەسىراتى ئىدى. ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتتىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلىكتە مىسلىسىز ئاسايىشلىق ۋە گۈللىنىشنى نامايان قىلدى.

  «ساياھەت + ئاۋىياتسىيە» ياش ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى؛ «ئائىلە ئاپتوموبىلى بىلەن شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»تا تەدرىجىي ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى؛ «سايرام كۆلىنى ئايلىنىش تاشيول ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى» 12 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، «ساياھەت + تەنتەربىيە» شەكلى شۇ يەردىكى پۇقرالارغا نۇرغۇن سودا پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئۈرۈمچى نەنسەن مەنزىرىلىك رايونى ئەتراپىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۈيشىگۇ بازىرى فاڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى 100 نەچچە دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ھەر بىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، ئىلگىرىكى نامرات كەنت يىراق- يېقىنغا تونۇلغان باي كەنتكە ئايلاندى.

  11- ئاينىڭ 18- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسى كانچى يېزىسى ئارال كەنتىنىڭ ئاھالىسى ھۈسەن بەكرى ئۆيىنى بېزەۋاتقانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يازدا، كەنتتە كاۋاپچىلىق قىلىپ 40 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدىم، بۇ، كەنتىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنىڭ پايدىسى. ئارال كەنتىدە 400 ئائىلىلىك بار بولۇپ، ھازىر سەھرا ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار 200 كىشىدىن ئاشىدۇ. بۇ كەنت يەر ئوبوروتىنى بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى دېھقانلار ئارامگاھلىرىنى قۇرۇپ، سەھرا ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن كەنتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدا تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى دېھقانلار ئارامگاھى 6000دىن ئېشىپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. ساياھەتچىلىك ھەقىقىي خەلقنى بېيىتىش كەسپى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش كەسپىگە ئايلاندى.

  شىنجاڭ ساياھەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ياڭ جاۋپىڭ مۇنداق دېدى: «ساياھەت +» ئەندىزىسى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى مەھسۇلات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى