تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق قىسمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  مۇخبىرىمىز لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 29- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق قىسمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتۈپ، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقىلىشىشى قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇھىم بايانلارنى بېرىپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ ۋەكىللەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۆرسەتمە ۋە قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بىز بۇنى ئەستايىدىل ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىغا ھۆرمەت قىلىش، ۋەكىللەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىسى، «زىچ ئالاقىلىشىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش، قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» تەپەككۇرى بويىچە، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملار خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان تۈزۈمنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىگە يۇقىرى ئورۇندىن تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىگە قاتنىشىش ئۇسۇلى ۋە يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش بويىچە تەربىيەلەشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ئاساستا قانات يايدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى قەرەللىك ئېچىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەتئىي، كەسكىن تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى؛ ۋەكىللىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىغىن مەزگىلىدىكى ۋەكىللىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشى؛ ۋەكىللەرنىڭ ياخشى قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پاك- تەلەپچان بولۇپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ۋەكىللىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا، سەككىز نەپەر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتى ۋە ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ