تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىمىز

 ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىغا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىغا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بەرپا قىلىنغان ئېكولوگىيە توسۇقى دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە يەر شارى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشكە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە تىكلىدى، يارىتىلغان ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىمىز.

  گۈزەل شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئېكولوگىيەلىك شارائىت يارىتىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى بىلەن تەڭ يولغا قويۇلغان مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. 40 يىل بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، قۇرۇلۇش غايەت زور ئېكولوگىيەلىك، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەر شارى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىگە ئايلاندى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى زۇڭمىڭ كۆكيارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگۈچى. ئۇ مۇنداق دېدى: 32 يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىدا چۆللۈكنى كۆكەرتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشنى كۈچ ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆكيار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇردى، كۆكيار روھى ئاقسۇ خەلقىنىڭ قان تومۇرىغا سىڭىپ كەتتى. 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆكەرتىلگەن كۆلەم 4 مىليون مودىن ئاشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئورمان بىنا قىلىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىغا بىنائەن، تۈرلۈك ئورمانچىلىق ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئورمانچىلىقنى تۈزەش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئورماننىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئورمان قوغداش ۋە تىجارەتنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، چۆللىشىشنى، سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان، كۆل، سۇلۇق يەر كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئېكولوگىيەلىك شارائىت يارىتىشىمىز كېرەك.

  ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

  ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان 40 يىل − شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان 40 يىل، قۇرۇلۇش ياخشى ئېكولوگىيەلىك، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  قاراقاش ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۈرئەت ئەخمەت مۇنداق دېدى: «ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى قاراقاش ناھىيەسى ئۈچۈن قۇم- بورانغا تاقابىل تۇرىدىغان، سۇ- تۇپراقنى ساقلايدىغان، دېھقانچىلىقنى قوغداپ، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېشىل سەددىچىن سېپىلى بەرپا قىلدى، يەنە يەرلىكتىكى دېھقانلارنى باغ- ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلەپ، پارچە- پارچە يەرلەرگە ياڭاق، چىلان كۆچىتى تىكىپ، قۇم- بورانغا تاقابىل تۇرۇپلا قالماي، يەنە ھەر مىللەت ئاممىغا ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلدى».

  چاقىلىق ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شى گوخەي مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشى قىلىش ئارقىلىق چاقىلىق ناھىيەسىدە قۇم- بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، يىللىق ھۆل- يېغىن مىقدارى تەدرىجىي كۆپىيىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز».

  چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىدا يەنە ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىرلەشتۈرۈلدى، تېرەك، توغراق تىكىش بىلەن بىللە، يەنە چىلان كۆچىتى تىكىلىپ، چىلان كەسپى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېتەكچى كەسىپكە ئايلاندى. دانە- دانە چىلانلارغا تايىنىپ، دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2001- يىلىدىكى 2216 يۈەندىن 2017- يىلىدىكى 30 نەچچە مىڭ يۈەنگە كۆپەيدى.

  ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق بوشاشماي ئالغا سىلجىتىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇزاققىچە بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان- ئوتلاق بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۈچ شىمال رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي زېمىنىدىكى يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى غالىب ئوسمان مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى بىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. بىز <دۆلەت زېمىنىدا يېشىللىقنى كۆپەيتىش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش>نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، مۇكەممەل ئېكولوگىيە سىستېمىسى، تەرەققىي قىلغان كەسىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز».

  «مەكىتنىڭ ئاسمىنىنىڭ تېخىمۇ كۆك، سۈيىنىڭ تېخىمۇ سۈزۈك، تاغلىرىنىڭ تېخىمۇ يېشىل بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن» دېدى مەكىت ناھىيەلىك قۇم تىزگىنلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يىن خۇڭخەي، مەكىت ناھىيەسى «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىللىقنى كۆپەيتىشنى كىرىمنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىدۇ.

  چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قارايدىغان مىليون مولۇق ئورمان بىنا قىلىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەنىڭ كۆچەت تىكىپ بىنا قىلغان ئورمان ئومۇمىي كۆلىمى 200 نەچچە مىڭ موغا يەتتى. «چاپچالنىڭ تۈرلۈك تەرەققىياتى ئۈچ شىمال قۇرۇلۇشىدىن نەپكە ئېرىشتى، كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن ناھىيە ئورمان بىنا قىلىش يىرىك پىلانى بويىچە، ئارىلاش ئورمان، ئىقتىسادىي ئورماننى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورمان ئارقىلىق يەرنى بېقىپ، ئورمانچىلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمدە كۆپ تەرەپتىن پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن چاۋ.

  ( مۇخبىرلىرىمىز ليۇ يى، ليۇ دۇڭلەي، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ لى، خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى يىڭيىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز چېن شۆمېي، ليۇ لىجۈن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ