تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي ھالدا پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مۇقىملىقنى قوغدايمەن

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ئايگۈل يۈسۈپ

  سىياسىي ـ قانۇن سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزۈمنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھايات مۇساپەمنى ئەسلىگىنىمدە شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولمىسا، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنكى خىزمىتىم ۋە تۇرمۇشۇممۇ بولمايتتى. مەن ئىلگىرى نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالغان، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى مېنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېلىپ داۋاملىق ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا ئوقۇش پۇلۇم، ياتاق پۇلۇم ۋە تاماق پۇلۇمنى كەچۈرۈم قىلدى، مەن ھەر ئايدا يەنە تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتىم. مەن 18 يېشىمدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم، 22 يېشىمدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدۇم، 28 يېشىمدا شەرەپلىك خەلق سوتچىسى بولدۇم، 33 يېشىمدا ھاكىم دەرىجىلىك كادىر بولدۇم. دەل پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېتىشتۈرۈشى بولغاچقا، مەن بىر نامرات ئوقۇغۇچىدىن قەدەممۇقەدەم جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ سوتچىسى بولۇپ يېتىلدىم، ھاكىم دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىر بولۇپ يېتىلدىم. قەلبىم پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولدى، مەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن- ئاخىر باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، باشتىن- ئاخىر دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى توسۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىشنى بىرىنچى مەسئۇلىيەت قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ پىرىنسىپال مەسىلىدە باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك، ھەرىكىتىمنى قەتئىي قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، زەربىدارلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھى، مەسئۇل بولۇش روھى، بېغىشلاش روھى، قۇربان بېرىش روھى بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغدايمەن.

  خەلق سوتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆپ يىلدىن بۇيان ئامانلىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سوت قىلىش ئارقىلىق مەن چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ غالجىرلىشىپ، ۋاسىتە تاللىماي، بىگۇناھلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرىدىغان، خەلققە خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ۋەتەننى پارچىلايدىغان رەزىل سۇيىقەستى ۋە ھەقىقىي ئەپت- بەشىرىسىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم ھەم ئېنىق تونۇپ يەتتىم. ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىقى ۋە ئەخلاق- پەزىلىتىگە ئاشكارا خىرىس قىلدى، بۇ، جەمئىيەتكە قارشى، ئىنسانىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى قىلمىش بولۇپ، جەزمەن قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ. مەن قىلچە تەۋرەنمەي سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، جىنايى ئىشلارنى سوت قىلىش ئىقتىدارىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي تۈردە زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولىمەن. قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، زوراۋان- تېررورچىلارغا دەل جايىدا زەربە بېرىپ، ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى قان تومۇرۇمغا سىڭدۈرۈپ، روھىمغا كىرگۈزۈپ، ھەرىكىتىمدە كۆرسىتىمەن، ھەقىقىي تۈردە ئالدىدىمۇ، كەينىدىمۇ بىر خىل، سەھنىدىمۇ، سەھنىدىن چۈشكەندىمۇ بىر خىل بولىمەن. باشلامچىلىق بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلگە پايدا يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەيمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇشقا ۋە قوغداشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ