لى پېڭشىن قاتارلىقلار ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، جاۋ جىيۈن، مېھرىگۈل ناسىر، لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى قاتارلىق يېڭىدىن تەشكىللەنگەن توققۇز تارماق ئايرىم- ئايرىم ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، جاڭ چۈنلىن، جاۋ چۇڭجيۇ، رېن خۇا، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
يېڭىدىن تەشكىللەنگەن بۇ توققۇز تارماق: ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق- يېزا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقچىلىق ئىدارىسىدىن ئىبارەت.
يېڭىدىن تەشكىللەنگەن توققۇز تارماقنىڭ مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەتتە يېڭى قاراش، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى چارە بولۇشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداشتا گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى پۇختا ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى» ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۈزگەن «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى> توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، «ئالدى بىلەن تىكلەش ئاندىن قالدۇرۇش، تىكلەنمىگۈچە قالدۇرماسلىق» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم قەتئىي، ھەم تەرتىپلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يوچۇقسىز جىپسىلىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئىسلاھات سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ئاپپارات ئىسلاھاتى 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلىشىپ بولىدۇ. ئاپپارات ئىسلاھاتىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىن جەمئىي 59ى تەسىس قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە پارتكوم ئاپپاراتىدىن 17سى، ھۆكۈمەت ئاپپاراتىدىن 42سى بار.