تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە يېپىلدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى خادىملاردىن 49 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

    يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كىچىك تىپتىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىنى باشقۇرۇش نىزامى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوچتا نىزامى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، لايىھەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ، تەنقىد، پىكىرلىرىنى بېجىرىش قائىدىسى»، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارى»، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىچكى ئىشلار- ئەدلىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ نامىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە خىزمىتى كومىتېتىغا ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى قارارى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە يولدا ماڭمايدىغان كۆچمە ماشىنىلارنىڭ گاز چىقىرىپ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى»، «ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش نىزامى>، <ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»، «ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى»، «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداش نىزامى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەم كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش- قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

    يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تەيىننامە تارقىتىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ «بەشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» يەنى: يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە، تېخىمۇ كۈچلۈك ماھارەت بىلەن، تېخىمۇ ئېسىل ئىستىل بىلەن، تېخىمۇ ياخشى روھىي ھالەت بىلەن يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

    ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ