تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

«چېن ئاكام بىزنىڭ تۇغقىنىمىز»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لېي

  11- ئاينىڭ 22- كۈنى، بىر كېچە داۋاملاشقان كۈچلۈك بوران ۋە قارلىق ھاۋارايى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك نەسىللىك كالا فېرمىسىنىڭ فېرما باشلىقى چېن شۇمىڭنى خېلىلا ئەنسىرەتتى. ئۇ قازاق تۇغقىنى ئادالتاينىڭ ئۆيىنىڭ ئىسسىغان- ئىسسىمىغانلىقى، قوتاندىكى چارۋىلىرىنىڭ ئامان- ئېسەنلىكىدىن غەم يېدى، ئادالتاي بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدى. ئەتىسى سەھەردە، چېن شۇمىڭ چۆچەك شەھىرىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋىلايەتلىك نەسىللىك كالا فېرمىسىنىڭ دېھقانچىلىق 4- ئەترىتىدىكى ئادالتاينىڭ ئۆيىگە باردى.

  «چېن ئاكا، مانا قارىمامسىز، بىز بىر ئائىلىدىكىلەر ياخشى تۇرمامدۇق، ھېچقانداق ئىش يوق». چېن شۇمىڭنىڭ ئۇشتۇمتۇت يوقلاپ كېلىشى ئادالتاينى ھەم خۇش قىلدى ھەم تەسىرلەندۈردى.

  ئادالتاي نەسىللىك كالا فېرمىسىنىڭ خىزمەتچىسى، ئىككى يىل ئىلگىرى چېن شۇمىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان بولۇپ، چېن شۇمىڭ ئادالتاينىڭ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىغا، ھويلا- ئاران ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياردەم بەردى، ھازىر ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

  بۇ يىل، ئادالتاي ئۆي تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ يېڭى ئۆي سېلىۋالدى، لېكىن مەبلىغى يېتىشمىگەچكە، ئاشخانا ئۆيىنى پۈتتۈرەلمىگەنىدى، بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، چېن شۇمىڭ ئادالتايغا 2500 يۈەن پۇل غەملەپ بەردى. تۇغقىنىنىڭ مەبلەغنى تېجىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، چېن شۇمىڭ ئۇدا تۆت كۈن ئادالتاي بىلەن بىللە سېمونت لاي ئەتتى، چىنىخىش ياتقۇزدى، تام سۇۋىدى... تەر ۋە كۈلكە قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ ئەڭ ياخشى گۇۋاھچىسىغا ئايلاندى.

  10- ئايدا، ئادالتاي ئائىلىسىدىكىلەر كونا كېسەك ئۆيى بىلەن خوشلىشىپ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، چېن شۇمىڭ گۈرۈچ، ئۇن، ياغ سېتىۋېلىپ، ئادالتاي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى تاماقنى بىللە يېدى. ئادالتاي ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ يەنە سۇيۇق كىرىستال ئېكرانلىق تېلېۋىزور سېتىۋېلىپ ئادالتاينىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

  ئادالتاي مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا بىز ياخشى ئۆيدە ئولتۇرالىدۇق، <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بولۇش> پائالىيىتى ئائىلىمىزگە ياخشى تۇغقان تېپىپ بەردى، چېن ئاكام دەل بىزنىڭ تۇغقىنىمىز».

  يالغۇز ئادالتاي ئائىلىسىدىكىلەرلا ئەمەس، كۆپ يىللاردىن بۇيان، چېن شۇمىڭ ھەر بىر ئائىلىدىكى قىيىنچىلىقى بار خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ تۇغقىنى دەپ بىلدى. نەسىللىك كالا فېرمىسىدا قىيىنچىلىقى بار خىزمەتچىلەر كۆپ، ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، فېرمىدا نامراتلارغا ياردەم بېرىش فوندى تەسىس قىلىنىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 450 نەچچە ئادەم قېتىم قىيىنچىلىقى بار خىزمەتچى ياردەمگە ئېرىشتى. چېن شۇمىڭنىڭ قارىشىچە، خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن مىللەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرغىلى بولىدىكەن.

  نەسىللىك كالا فېرمىسى نەسىل يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى مۇنىرە كۆپ يىللاردىن بۇيان تۇغما كۆز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوغلى بىلەن بىر- بىرىگە يار- يۆلەك بولۇپ ياشاپ كەلگەن بولۇپ، كۈنلىرى ئىنتايىن قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، چېن شۇمىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇنىرەنى قوشماقلىشىپ يۆلەش ئوبيېكتى قىلىش تەكلىپىنى بەردى. 2011- يىلى، ئۇ بۇ ئانا- بالىغا ياردەملىشىپ 46 كىۋادرات مېتىرلىق ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ئىلتىماس قىلىپ بەردى، ھەر يىلى فېرمىدىن ئانا- بالىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەرگەندىن سىرت، يەنە بالىنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن مۇنىرەنىڭ ئوغلى ئەكبەر ئىزچىل ئوپېراتسىيە قىلدۇرالماي كەلگەنىدى، چېن شۇمىڭ يەنە ماسلاشتۇرۇپ 10 مىڭ يۈەن جۇغلاپ، ئۇنىڭغا سۈنئىي كۆز سالدۇردى.

  ھازىر، 17 ياشلىق ئەكبەر بالىلار سىفەن كەسپىنىڭ ئۈمىدۋار، ئوچۇق- يورۇق ئوقۇغۇچىسىغا ئايلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: «چېن تاغامنىڭ ئائىلىمىز ئۈچۈن قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم، مەيلى قەيەرگە باراي، مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھېكايىسىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىمەن. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، چېن تاغامدىن ئۆگىنىپ، مېھرىبانلىقىم بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن».

  چېن شۇمىڭنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، نەسىللىك كالا فېرمىسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە خىزمەتچىلەر ئۇدا كۆپ يىل «پۇل ئىئانە قىلىپ مېيىپلەرگە ياردەم بېرىپ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش» پائالىيىتى، «ئۈندىداردا قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش توپى»نى ئورتاق قۇرۇش، بىرلىكتە «تۇغقانلارنى يوقلاش»، بىرلىكتە ئائىلە يىغىلىشى ئۆتكۈزۈشنى قانات يايدۇرۇپ، فېرمىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ