مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: ئەرلەر كەسپىي تېننىس توپ بىرلەشمىسى (ATP) 11-ئاينىڭ 26-كۈنى 2018 ـ يىل ئاخىرىلىق دۇنيا رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى، دۇنيا ئون كۈچلۈكلەر تىزىملىكىدە زور ئۆزگىرىش بولمىدى، جوكۋىچ، نادال، فىدېرېرلار ئوخشاشلا ئالدىنقى ئۈچ قاتاردىن ئورۇن ئالدى. بۇ ئۈچ نەپەر تېننىس توپ ماھىرىنىڭ يەتتىنچى قېتىم دۇنيا ئۈچ كۈچلۈك قاتارىغا كىرىشى، شۇنداقلا 2014-يىلىدىن بۇيان بىرىنچى قېتىم ئالدىنقى ئۈچ قاتارغا كىرىشى ھېسابلىنىدۇ.
2018-يىللىق ATP يىل ئاخىرىلىق دۇنيا رەت تەرتىپ تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئون قاتارغا كىرگەن تېننىس توپ ماھىرلىرىنىڭ رەت تەرتىپى: جوكۋىچ، نادال، فىدېرېر، ئالىكساندىر زىۋېرېۋ، دېل پوترو، ئاندىرسون، شىرىچ، تىم، نىشىكورى كېي، يوھان ئىسنېر.