تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

قوينىڭ ئېغىزىغا جاراھەت چىقىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

  1. ئالدى بىلەن كېسەللەنگەن قوينى پادىدىن ئايرىپ، قوتان ۋە ھەرىكەت مەيدانىنى تەلتۆكۈس دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك.

  2. كېسەللەنگەن قويغا يۇمشاق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، تېتىمچان يەم-خەشەكلەرنى بېرىش، قوينىڭ يېتەرلىك پاكىز سۇ ئىچىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  3. ئاۋۋال قوينىڭ ئېغىزىدىكى قاقاچنى پاكىز سويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئاندىن سۇيۇق تۇز سۈيى ياكى %0.1 لىك مارگانسوپ بىلەن جايلىق ئورۇننى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، كۆك يود ياكى يۇدلۇق گىلىتسېرىننى جاراھەت يۈزىگە كۈندە 1-2 قېتىمدىن تاكى ساقايغىچە سۈرۈش كېرەك.

  4. دورا ئارقىلىق داۋالاش:

  (1) قوينىڭ ھەر كىلوگرام تەن ئېغىرلىقىغا بىڭدۇلىڭدىن 0.1g، كالىيلىق پېنسىلىن ياكى ناترىيلىق تۇزدىن 5mg-4mg توغرىلاپ، كۈندە 1 قېتىمدىن ئۇدا 3 كۈننى بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىپ ئىشلىتىپ، ئارىدىن 2-3 كۈن ئۆتكۈزۈپ 2-باسقۇچلۇق داۋالاشنى باشلاش كېرەك، مۇشۇ بويىچە 2-3 باسقۇچ داۋالىسا ساقىيىپ كېتىدۇ.

  (2) قوينىڭ ھەر كىلوگرام تەن ئېغىرلىقىغا ۋىتامىن Cدىن 0.5ml، ۋىتامىن B12 دىن 0.02ml توغرىلاپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئۇدا 3-4 كۈننى بىر داۋالاش باسقۇچى قىلىپ، ئۇنداق ئىككى باسقۇچ مۇسكۇلغا ئۇرسا بولىدۇ. قوزىنىڭ ئېغىزغا جاراھەت چىقىپ قېلىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن. قوزىنىڭ تەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ بېقىش كېرەك، ئەگەر نورمال بولسا، جاراھەت ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن چىققان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىسسىقنى قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىچكۈزسە بولىدۇ، ئەنسىرەش ھاجەتسىز، قويغا بولغان زىيىنىمۇ ئانچە چوڭ بولمايدۇ. ئەگەر، تەن تېمپېراتۇرىسى بىنورمال بولسا، قويدا باشقا كېسەل ئالامەتلىرى بار-يوقلۇقىنى كۆزىتىپ بېقىش كېرەك.

پەن-تېخنىكا گېزىتىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ