تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» شىنجاڭنىڭ چەت، يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىنى قاپلاپ، «كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش» مەسىلىسىنى پەسەيتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر گۈەن چياۋچياۋ). 11- ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىدە قەھرىتان سوغۇق بولۇۋاتقان بولسىمۇ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئېلىش ئىشلىرى تەرتىپلىك يۈرۈشۈۋاتاتتى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە داۋالاش ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، يەرلىكنىڭ كېسەل كۆرسىتىش مۇھىتى ۋە شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» قۇرۇلۇپ، چەت، يىراق چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاممىنى بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشتۈردى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئايرىم- ئايرىم ھالدا جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلار، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۈچ دوختۇرخانا ھەم قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا بىلەن «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەم باشلامچى ئورۇن سۈپىتىدە شۇ يەردىكى سەككىز دوختۇرخانا بىلەن «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  ئۆيى تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئېرجىخې چارۋىچىلىق مەيدانىدا بولغان ما ۋېنيىڭ «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» قۇرۇلۇشىدىن بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكۈچى. 11- ئاينىڭ 4- كۈنى، 85 ياشلىق ما ۋېنيىڭ كۆكرەك قىسمى ئاغرىپ جىددىي دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى. ما ۋېنيىڭنىڭ قىزى مۇنداق دېدى: ناھىيەلىك دوختۇرخانا بىلەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرلىرى يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق جىددىي خاراكتېرلىك ئالدى دىۋار يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى، دەپ دىياگنوز قويدى، دوختۇرخانا تېزدىن بىزگە ياردەملىشىپ ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنى ئۇقۇشۇپ بەردى ھەم يېشىل يول ئېچىپ بەردى. دوختۇرخانا يۆتكەش ۋاقتىدا بولغاچقا، ئانامنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىندى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى بويىچە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مەسئۇلى گو چۈەنجى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى»نىڭ قۇرۇلۇشى ئاساسلىقى داۋالاش بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاغرىقلارغا قوش يۆنىلىشتە ئايلانما دىياگنوز قويۇپ، ئاغرىقلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى تەدرىجىي پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغان. لياۋنىڭ ئۆلكىسى «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پۇرسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئارقىلىق جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى ھەرقايسى دوختۇرخانىلار بىلەن «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» قۇرۇشنى قانات يايدۇردى، شۇ جايدىكى دوختۇرخانىلار جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى شېڭجىڭ دوختۇرخانىسىنىڭ شېڭجىڭ داۋالاش ئىتتىپاقىغا قاتنىشىپلا قالماي، يەنە جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى تۆت دوختۇرخانا بىلەنمۇ يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش ۋە تەربىيەلەش سۇپىسى قۇردى.

  «ھازىر ئاساسىي قاتلام دوختۇرلىرىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى چەكلىك بولغاچقا، قوش يۆنىلىشتە ئايلانما دىياگنوز قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا قىيىنچىلىق بولسىمۇ، لېكىن <داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى>نىڭ قۇرۇلۇشى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئاساسىي قاتلام دوختۇرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.» گو چۈەنجى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر يەرلىكتىكى «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى»گە ئەزا ئورۇنلاردىكى تۆت دوختۇر جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى دوختۇرخانىلارغا بىلىم ئاشۇرۇشقا، ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلدى.

  داۋالاش گۇرۇھى تەشكىللەشتىن چەت، نامرات رايونلاردا يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىق تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە، شىنجاڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى قېتىم دىياگنوز قويۇش، قوش يۆنىلىشتە ئايلانما دىياگنوز قويۇش، جىددىي خاراكتېرلىكلىرى بىلەن سوزۇلما خاراكتېرلىكلىرىنى ئايرىپ داۋالاش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» شەھەرلەردە ئاساسلىقى داۋالاش گۇرۇھىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، ناھىيەدە ئاساسلىقى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، رايون ھالقىپ مەخسۇس بۆلۈملەر ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ قۇرۇش ھەم ئاساسىي قاتلام، چەت، يىراق رايونلار ۋە ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلارنىڭ يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىق تورىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل پىشقان ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى.

  تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن، شىنجاڭ 2020- يىلى بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان «داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى» سىياسەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجە، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدا نىشانى ئايدىڭ، ھوقۇق- مەسئۇلىيىتى ئېنىق، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، رايون ئىچىدىكى داۋالاش بايلىقىنى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ