تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن

    باش شۇجى شى جىنپىڭ: «زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ يىلتىزى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، ئىدىيەۋى ئاساسى دىنىي ئەسەبىيلىك» دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. بۇ مۇھىم ھۆكۈم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئىدىيەۋى مەنبەنى چوڭقۇر شەرھلەپ، شىنجاڭنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنى مەنبەدىن تۈزىشى ئۈچۈن نىشان كۆرسىتىپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، «زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن، ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ،يەنە بىر تەرەپتىن، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيەسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇردى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

    كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر. ئۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش بىرلەشتۈرۈلۈپ قانات يايدۇرۇلغان بىر تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى بولۇپ، مەقسىتى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش مۇھىتى ۋە تۇپرىقىنى تۈپتىن يوقىتىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن يوقىتىش. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك مۇھىم، زور تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرى ئىنتايىن ۋاقتىدا بولدى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، شۇنداقلا ئەل قەلبىنى چوڭقۇر مايىل قىلدى.

    كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنى توسۇش، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىم قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى. كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىدە مۇھىم، زور بۇرۇلۇش بولدى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى كۆرۈنەرلىك تىزگىنلەندى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىلدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىدىن چۆچۈگەن كۆڭۈللەر ئەمىن تاپتى، تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى، ئۇدا 22 ئاي زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىدى، يەر ئاستى قانۇنسىز تەپسىر پائالىيىتى كۆرۈلمىدى، جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئامانلىق دېلوسى، خەۋپسىزلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلوسى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەسى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە بولغان ئىشەنچى روشەن كۈچەيدى، كىشىلەر خاتىرجەم ھالدا سىرتقا چىقالايدىغان، مال سېتىۋالالايدىغان، يىغىلىپ غىزالىنالايدىغان، ساياھەت قىلالايدىغان بولدى.

    كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىغان، قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى يېنىك بولغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىپ، ئۇلارنى تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانلانغۇچىسى ۋە قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدى. كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى، دىنىي ئەسەبىيلىك ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا كۈشكۈرتۈلگەن، مەجبۇرلانغان، ئازدۇرۇلغان ياكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ئەھۋالى يېنىك بولغان كىشىلەرگە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيەسى شەكلىنى قوللىنىپ ياردەم بەردى ۋە ئۇلارنى تەربىيەلىدى، مۇھىمى تەسىرلەندۈردى، قۇتقۇزدى. ياردەم بېرىش-تەربىيەلەش خىزمىتى ئارقىلىق، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلاندى، زوراۋانلىق، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ ماھىيىتى، خەۋپىنى ئېنىق تونۇدى، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى روشەن ئۆستى، ئۇلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇۋالغانلىقىغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

    كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن بىللە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىلگىرى سۈردى. نامراتلىق تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇپرىقى، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ۋە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيەسى ئاغرىققا قاراپ دورا بەرگەنلىكتۇر. كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيەسى بىر تەدبىر بىلەن كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغان ياخشى ئىش بولۇپ، ھەم مۇقىملىق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى، ھەم نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىدىغان ئاساسىي مەزمۇنى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى ۋە كەسپىي ماھارەتتىن ئىبارەت. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى ئۆستى، زامانىۋى ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ى كۈچەيدى. قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق نېمىنىڭ قانۇنلۇق، نېمىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇندىن قانداق ياردەم سوراش كېرەكلىكىنى چۈشەندى. كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسى ئارقىلىق كەسپىي ماھارەت ئىگىلەپلا قالماي، ياشاش ۋە بېيىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، شۇنداقلا ھەر ئايدا ئەمگەك ئىش ھەققى ئېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى، تېخىمۇ مۇھىمى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش سۇبيېكتىپ ئارزۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى يەنە تەربىيەلەنگۈچىلەرنى قۇۋۋەتلىك، مول يېمەك-ئىچمەك ۋە شارائىتى ياخشى ياتاق بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ نورمال ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلدى ۋە ئۇنى قوغدىدى، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈردى ۋە قاندۇردى. ھازىر، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئارقا-ئارقىدىن تەربىيەلىنىشنى تاماملاپ، جەمئىيەتكە قەدەم قويدى، نۇرغۇن كىشى ئۆگەنگەن بىلىمى، ماھارىتىگە تايىنىپ ئىش ئورنىغا ئېرىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، بېيىش يولىغا ماڭدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشقا قايتىشىغا ياردەم بېرىدىغان ئۆگىنىش ۋە ماھارەت ئىگىلەش ئورنى بولدى.

    كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇش ئېلىپ كەلگەن مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىۋاتىدۇ. مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتا ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇش نامايان بولۇپ، ئىقتىسادتا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 2017-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون يۈەندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، %7.6 ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بىر تۈركۈم كارخانىلار شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈردى، يېڭى قۇۋۋەت تېز ئۆسۈپ يېتىلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى. بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە «شىددەت بىلەن» ئېشىش بارلىققا كەلدى، 2017-يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون كۈتۈۋالغان چېگرا ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، %32.4 كۆپەيدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە 132 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، %40 ئاشتى، «ئۆكتەبىر» ئالتۇن ھەپتىلىكىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قېتىمغا يېتىپ،% 31.05 ئاشتى. بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت مۇقىم ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇچۇر ئوبوروتى ئېلىپ كەلدى، سودا ئەسلىگە كېلىپ، گۈللىنىپ، كۈنسېرى ئاۋاتلاشتى، خەلقئارا چوڭ بازار قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سودا مەركەزلىرىنىڭ سودىسى جانلىنىپ، دۇكان ئورنى قىس بولدى. بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يەنە خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى، «توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى» پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، يېزىلاردا مەجبۇرىيەت ئەمگىكى تەلتۆكۈس ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، تولۇقلىما ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈپ، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلار سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. مۇقىملىق پايدىسى سىجىل قويۇپ بېرىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا «مۇقىم بەخت» ئېلىپ كەلدى.

    نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، كىشىنى ئىلھاملاندۇرماقتا، لېكىن، «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كېتىش»تەك باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىك تۈپتىن ئۆزگەرمىدى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ بولماقتا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا زوراۋانلىق، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ قالدۇق زەھىرىنىڭ تەسىرىنى تازىلاش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل. بىز چوقۇم باشتىن-ئاخىر كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئېغىشنى تۈزەپ، يۆنىلىشنى توغرىلاپ، پولاتتەك پاكىت ئارقىلىق كەڭ ئاممىنى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى غايەت زور رولىنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەپ، پولاتتەك پاكىت ئارقىلىق چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە داغ تەگكۈزۈشى ۋە ھۇجۇم قىلىشىغا رەددىيە بېرىپ، تەستە قولغا كەلگەن ئىناق، مۇقىم، تىنچ چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشىمىز ۋە مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

    خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان مۇھىم كۈچ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، سىياسىي كېڭەشكە ئەزا ئورۇنلار، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئورگىنى كادىرلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خاراكتېرى، ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى باش پىروگرامما، يادرولۇق ۋەزىپە، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، قەتئىي ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىرىنچىدىن، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى، تەخىرسىزلىكى ۋە ئۇنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاڭلىق ھالدا كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنى سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى كەم-كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچىدىن، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئاممىۋى پىكىرنى يېتەكلەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىشىغا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىشىغا ماسلىشىپ، گۇماننى يېشىپ، ئىجابىي يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش؛ بايرىقى روشەن ھالدا چېگرا سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بۇرمىلانغان تەشۋىقاتىغا رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتىگە داغ تەگكۈزۈش، قارا چاپلاش مۇددىئاسى ۋە سۇيىقەستىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، قانۇن، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت، شۇنداقلا ئاممىۋى پىكىر ئېگىزلىكىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى يۈزتۇرا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ رېئال خەۋپىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى چۈشىنىشكە، قوللاشقا يېتەكلەش كېرەك. زىيارەت قىلىش، ھال سوراش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئائىلىسىگە قارىتىلغان يۆلەش، ياردەم بېرىش-تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى تەربىيەلەنگۈچىلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قەلبىگە يەتكۈزۈپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ بالدۇرراق ئائىلىسىگە قايتىشى، جەمئىيەتكە قايتىشىغا ئورتاق ياردەم بېرىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىش كېرەك. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرى ۋە تەربىيەلەنگۈچىلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئورۇنلۇق دەۋا-تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ھەقىقىي ئەقىل، ياخشى تەدبىر، ئەمەلىي چارە كۆرسىتىش كېرەك. بەشىنچىدىن، چەت ئەللەردىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق-بىرلەشمە دوستلۇقنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ قانۇنىي ئاساسى، تەربىيەلەش مەزمۇنى، تەربىيەلەپ قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى ھەم قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە-ئۈنۈمىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنى چۈشىنىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە ۋە باشقا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن، ياخشى خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

    زوراۋانلىق، تېررورىزم ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ تەسىرى، خەۋپىنى تەلتۆكۈس تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ھەم جاپالىق ۋەزىپە. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يول باشلىشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بارلىق دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى چوقۇم بالدۇر قۇرۇپ چىقالايمىز، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ