تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىغا باشلامچى بولدى

  شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى

مۇخبىرىمىز سۇڭ لى

  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) غا نەزەر. (ماتېرىيال سۈرەت)

  بىر تېلېفون، بىر ئاپتوموبىل، سەككىز كىشى ۋە ئىجارىگە ئالغان بىر ئىشخانا، تۇنجى قەدەمنى مۇشۇنداق باشلىغان ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باھار شامىلىدىن پايدىلىنىپ، «يۇقىرى پەن- تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھازىر شىنجاڭدىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان رايونغا ئايلىنىشىنى، 2017- يىلى 100 مىليارد 500 مىليون يۈەن رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلىنىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز.

  1992- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلىرىنى تاللاپ تەستىقلاش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىشەھەر رايونىنىڭ مەمۇرىي رايونى دائىرىسىدە، كۆلىمى 5.637 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىنى ئايرىپ چىقىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى ــــ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنى قۇرغانىدى.

  «شۇ ۋاقىتتا يېڭى شەيئى بولغانلىقتىن، نۇرغۇن كىشى چۈشەنمىگەن، شۇڭا، خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشمۇ بىر قەدەر قىيىن بولغانىدى. رايون ئىچىدە رايون قۇرۇشتا يەر يوق، كارخانا يوق، مالىيە- باج كىرىمى يوق، ھۆكۈمەت ئاجرىتىپ بەرگەن 400 مىڭ يۈەن قۇرۇش خىراجىتى، 3 مىليون يۈەن ئىش باشلاش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، گۈيجوۋ يولىدا ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىنى باشلىغانىدۇق». ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى ئەمدىلا باشلانغان چاغدىكى ئەھۋاللارنى تىلغا ئالغاندا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ ھازىرقى مۇئاۋىن باشلىقى ئەن شياڭ خۇرسىنغان ھالدا شۇنداق دېدى. بۇ يەردە 28 يىل خىزمەت قىلغان ئەن شياڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھ بولدى ھەم قاتناشتى.

  1992- يىلى 8- ئايدىن يىل ئاخىرىغىچە بولغان تۆت ئاي ۋاقىت ھېلىمۇ ئەن شياڭنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. ئەن شياڭ ماڭا مۇنداق دېدى: «گۈيجوۋ يولىدا <پەن- تېخنىكا كوچىسى> قۇرۇش ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولدى، ئاندىن سىرتقا قاراپ كېڭىيىپ، خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلىشىش ۋە ئېتىبار سىياسەت قاتارلىق ئەۋزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ، مەبلەغ سېلىش كۆرسەتمىسى ۋە تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ تارقىتىش، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىش، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇق». 1992- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تۇنجى تۈركۈمدە رويخەتكە ئېلىنغان كارخانا 90 نەچچىگە يەتتى، رويخەتكە ئېلىنغان مەبلەغ 200 مىليون يۈەندىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە رايونغا كىرىشى تەستىقلانغان جۇڭگو- چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا، شېرىكسىز كارخانا بەش، رويخەتكە ئېلىنغان مەبلەغ 9 مىليون 500 مىڭ دوللار، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق تۈرلەر 155 بولدى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىياتىدا پۇختا تۇنجى قەدەم بېسىلدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىياتى دىققەتنى تارتتى. 2010- يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېرىمدىن كۆپرەك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا توپلاندى، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 12 مىليارد 194 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1 مىليارد 534 مىليون يۈەن يەرلىك مالىيە كىرىمى ياراتتى.

  ھالبۇكى، ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يەر تەدرىجىي ھالدا ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان توسالغۇغا ئايلاندى. شۇ چاغدا، ئومۇمىي كۆلىمى 143 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر رايونىدا 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ياشايتتى، شەھەر قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئىجتىمائىي تەرەققىيات ساھەسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن مەبلەغكە ئېھتىياجلىق بولۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك كەسىپلەر تىرىكى ۋە ئىقتىسادىي تىرەككە موھتاج ئىدى.

  2011- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، كونكرېت مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىنى تەڭشەشكە چېتىلدۇرمىغان ئاساستا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر رايونى «رايون- مەمۇرىيەتنى بىرلەشتۈرۈش»نى يولغا قويدى، «ئىككى ۋىۋىسكا، بىر يۈرۈش ئادەم» بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلدى.

  بىرگە بىرنى قوشقاندا ئىككىدىن چوڭ بولۇشتەك ئېففېكت قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نى تەدرىجىي ھالدا شىنجاڭدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە رايوننىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. سەككىز يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئارقىلىق 2017- يىلى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) 100 مىليارد 500 مىليون يۈەن رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى كۆپىيىپ 160 قا يېتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئومۇمىي ساننىڭ %57ىنى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئومۇمىي ساننىڭ %30ىنى ئىگىلىدى.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى، شىخەنزە دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى قۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى