11-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شىشى شەھىرى جىنفېڭ تەجرىبە مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار «سائەت 4:30» ۋاسكىتبول قىزىقىش سىنىپىغا قاتناشماقتا، مەزكۇر مەكتەپ باغچىلاشقان سانائەت رايونى ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، %80 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى شۇ ئەتراپتىكى سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئائىلىسىدىن كەلگەن.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. 2018-يىلىدىن بۇيان، فۇجيەن ئۆلكىسى شىشى شەھىرى 7 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىدى ھەمدە دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچىلەرگە مۇۋاپىق مۇلازىمەت ھەققى تارقاتتى. دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى تەمىنلىگەن ئاساسىي گەۋدە بولغان مەكتەپ ئۆز ئەمەلىيىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى، مەيدان-سارايلىرى، ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى ئاساسىدا، دەرستىن كېيىنكى ھەر خىل مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىر مەزكۇر شەھەردە دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرغان مەكتەپ 40تىن، بۇنىڭغا قاتناشقان ئوقۇغۇچى 20 مىڭدىن ئاشقان. (سۇڭ ۋېيۋېي فوتوسى)