11-ئاينىڭ 14-كۈنى، مەھەللە كادىرلىرى تۇغقانلىرى بىلەن بىللە پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگەنمەكتە.
ئۆز خەۋىرىمىز (ئىختىيارىي مۇخبىر لى چۇنلەي، چېن خۇي خەۋىرى، فوتوسى): چۆچەك شەھىرى دۇبېك كوچىسى تەرەققىيات مەھەللە كومىتېتى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى بارلىق كادىرلار، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە قوشماقلاشقان تۇغقانلارنى تەشكىللەپ، «ماھارەت ئۆگىنىپ كىرىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش» باش تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، قانۇن-نىزاملار ھەققىدىكى بىلىملەرنى چۈشەندۈردى، خىزمەتچىلەر بىلەن تۇغقانلىرى بىرلىكتە پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگەندى.