شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پاناما، 11-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو خاڭجوۋ ئوپېرا ۋە ئۇسسۇللۇق تىياتىر يۇرتى ئىجادىيىتىدىكى چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «بۈيۈك قانالنى ئۇچرىتىش» 11-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە پاناما شەھىرىدىكى ئامادور كۆرگەزمە مەركىزىدە ئورۇندىلىپ، نەق مەيداندىكى 4000دىن ئارتۇق تاماشىبىننىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئىگىلىنىشىچە، ئۇسسۇلۇق تىياتىر «بۈيۈك قانالنى ئۇچرىتىش»تا ھازىرقى زامان سەنئەت ئىپادىلەش شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، بېيجىڭ-خاڭجۇ چوڭ قانىلىنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن. بۇ تىياتىر ھازىرغا قەدەر پۈتۈن يەر شارىدا 150 مەيدان ئورۇندىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئورتاق ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.
چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «بۈيۈك قانالنى ئۇچرىتىش» پانامادا ئورۇندالدى
مۇھەررىر :
رەنا دانىيار
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/11/21 10:46
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.