11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى لۇجياڭ ناھىيەسى كېتەن بازىرى داخەنتاڭ سۇ ئامبىرىدىكى نەچچە مىڭ تۈپ سازلىق شەمشاد دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى قىزىرىپ، سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە ھاسىل بولدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئەنخۇي ئۆلكىسى لۇجياڭ ناھىيەسىدە نەچچە مىڭ تۈپ سازلىق شەمشاد دەرىخى تىكىلىپ، سۇ مەنبەلىرى ساقلاندى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نەچچە مىڭ تۈپ سازلىق شەمشاد دەرىخى زورىيىپ «سۇ ئۈستى ئورمانلىقى»غا ئايلاندى. پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشىغا ئەگىشىپ، دەرەخ يوپۇرماقلىرى يېشىل رەڭدىن سېرىق رەڭگە، ئاندىن قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. (ۋاڭ مىن فوتوسى)