سۇنىڭ ناھىيەسىدىكى «لۈيۈەن» كۆكتات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى مايسا يېتىشتۈرۈش پارنىكى ئىچىدە شوخلا مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: خېبېي ئۆلكىسىنىڭ سۇنىڭ ناھىيەسىدىكى «لۈيۈەن» كۆكتات كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى يۇقىرى، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك، ياخشى سورتلۇق كۆكتاتلارنى يېتىشتۈرۈپ، كوپىراتىپ ئەزالىرىنى باھاسى ئەرزان، ئەمما سۈپىتى ئەلا كۆكتات مايسىلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قوبۇل قىلغان ئەزالار 600 نەچچە ئائىلىلىككە يېتىپ، يىلدا 70 مىليون تۈپتىن كۆپ ئەلا سۈپەتلىك كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈردى.