تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا ئالغا سىلجىتايلى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، كۆڭۈل بۆلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا رىشتە باغلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئۆزى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈردى، يېتەكچىلىك قىلدى، 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇملۇقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك قارارنى چىقىرىپ،شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنىڭ باشتىن كەچۈرگۈچىلىرى، گۇۋاھچىلىرى ۋە رەھبەرلىك قىلغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە باشتىن- ئاخىر تولۇپ تاشقان ھېسسىياتىم، شىنجاڭدىكى ھەر بىر تۈپ گىياھقا باشتىن- ئاخىر تولۇپ تاشقان مېھرىم بار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەپەككۇرىنىڭ ئوچۇق، نىشانىنىڭ ئېنىق، ئىشەنچىنىڭ قەتئىيلىكىنى؛ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلغانلىقىنى؛ پۇقرالارنىڭ چىن قەلبىدىن باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولغانلىقىنى كۆرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئوخشاشلا چىن قەلبىمدىن خۇشال بولدۇم.

  يېقىندا، مەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان 60 نەچچە پېشقەدەم يولداش بىلەن بىللە، خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم. مېنىڭ خوتەنگە ناھايىتى چوڭقۇر مۇھەببىتىم بار، 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى يېڭى خىزمەتكە چىقىپلا خوتەنگە بارغانىدىم، ئاپتونوم رايوندا خىزمەت قىلغان 40 نەچچە يىلدا، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبىرى بولغاندىن كېيىن، ھەر يىلى دېگۈدەك خوتەنگە بېرىپ تۇردۇم. مەن خوتەننىڭ ئۆتمۈشىنى خېلى چۈشىنىمەن، تەبىئىي مۇھىتى ناچار، سۇ بايلىقى قىس، ئىشلىتىشكە بولىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاز، نامراتلىق دائىرىسى كەڭ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇپ، نۇرغۇن دېھقان ئائىلىسىنىڭ كىيىش- تويۇش مەسىلىسى ھەل بولمىغان، ئەينى چاغدا پۇقرالار ئارىسىدا: «خوتەنلىكلەر ياشار جاپادا، كۈندە قاينار توپا ھاۋادا. كېچىلىرى ياغىدۇ يەنە، كۈندۈزى ئاز بولۇپ قالسا مۇبادا» دەيدىغان قوشاق بار ئىدى. خوتەن خەلقىنىڭ يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، تۇرالغۇ، قاتناش مەسىلىسى ئاپتونوم رايون ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلىدىن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر. 2003- يىلى مەن مەركەزگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، خوتەنگە بېرىش پۇرسىتىم ناھايىتى ئاز بولدى، لېكىن مەن باشتىن- ئاخىر خوتەنگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم. بۇ قېتىم خوتەندە تۇرغان ۋاقتىم ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ، بارغان جايلار، كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىم توغرىسىدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتتە چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە تەسىراتقا ئىگە بولدۇم:

  بىرىنچى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپتۇ. ئىلگىرى خوتەن نامرات، قالاق ئىدى، 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن بۇيان، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت ئەۋج ئېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىر مەھەل يامرىدى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى دىنىي ئەقىدىنى دۆلەت قانۇنىدىن ئۈستۈن قويۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىنى چەتكە قېقىپ، بارلىق زامانغا لايىق قاراشلارنى چەتكە قېقىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇنىڭ تەسىرىدە، بەزى بالىلار يېرىم يولدا ئوقۇشتىن چېكىنىپ، ئەينەن ئەھۋالنى بىلمەيدىغان بەزى ئامما زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىشقا قاتنىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى، خوتەن ۋىلايىتى، ھەتتا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار قانۇن- نىزاملارغا ئاساسەن، كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە شەكلى ئارقىلىق مەنبەدىن تۈزەش ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قانات يايدۇردى. كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىغان ۋە جىنايەتكە چېتىلغان، لېكىن قىلمىشى يېنىكرەك بولغان، قانۇن بويىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدىغان خادىملارغا قارىتىلغان تەربىيەلەش، يېتەكلەش، ئۆزگەرتىش كۈچەيتىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىغان، جىنايەت گىرۋىكىگە بېرىپ قالغان بىر تۈركۈم خادىملار ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇلۇپ، تەربىيەلىنىپ، قۇتقۇزۇۋېلىنىپ، ئۇلار تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ۋە قۇربانىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلاپ قېلىندى، بۇ ئارقىلىق تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلدى ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى پەيدا بولىدىغان مۇھىت ۋە تۇپراق تۈپتىن يوقىتىلدى، تېررورلۇق ھەرىكىتى بىخ ھالىتىدە يوقىتىلدى. بىز شۇنى كۆردۇقكى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىغان ئامما دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى، قانۇن ۋە ماھارەت ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇن ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، بىلىم ئېلىش ۋە مەسلىھەت ئېلىش يوللىرى كېڭىيىپتۇ، قىلمىشىنىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىزلىقىنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان بوپتۇ، بەزىلەر يەنە ئەمەلىي ماھارەت ئىگىلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ باغلاپتۇ. توغرا كەيپىيات ئەۋج ئېلىپ، ناچار كەيپىيات تۈگىتىلىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىپتۇ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، ھەممە جاي ئاكتىپ كۈچكە تولۇپتۇ. كىشىلەر مۇقىملىقنى ئويلايدىغان، خاتىرجەملىكنى ئويلايدىغان، تەرەققىياتنى ئويلايدىغان بوپتۇ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشى يۈكسەك بىرلىككە كەپتۇ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش ئاڭلىقلىقى، قەتئىيلىكى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپتۇ. «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ بازىرى قالماپتۇ.

  ئىككىنچى، تەرەققىيات تېز، ئۆزگىرىش چوڭ بوپتۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بېيجىڭ، تيەنجىن، ئەنخۇي قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدە، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمە ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپتۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپتۇ، خوتەن ۋىلايىتىدە جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەپتۇ. 2017- يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 26 مىليارد 826 مىليون يۈەن بولۇپ، 2012- يىلىدىكىدىن 1.8 ھەسسە ئېشىپتۇ؛ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 42 مىليارد 615 مىليون يۈەن بولۇپ، 2012- يىلىدىكىدىن 2.8 ھەسسە ئېشىپتۇ. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق مۇھىم، زور تۈرلەردە ئىش باشلىنىپ قۇرۇلۇش قىلىنىپتۇ ھەم كەينى- كەينىدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپتۇ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىدە ناھايىتى زور ياخشىلىنىش بوپتۇ. ھازىر مەن كۆرۈۋاتقان خوتەن ۋىلايىتىنى مەن ئاپتونوم رايوندا خىزمەت قىلىۋاتقان چاغدىكى خوتەن ۋىلايىتىگە سېلىشتۇرغاندا، غايەت زور ئۆزگىرىش بوپتۇ، بۇنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى شۇكى، شەھەر- بازار قۇرۇلۇشى، يول قۇرۇلۇشى، يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىدا يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەت بارلىققا كەپتۇ، سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش، رادىيو- تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىيات بوپتۇ. خوتەننىڭ ئىزچىل مالىيە كىرىمى ئاز، چىقىمى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياردىمىگە تايىنىدىغان ۋىلايەت ئىدى. مېنىڭچە، خوتەننىڭ تېز تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ، دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە بەرگەن زور مەدىتى ۋە خالىس ياردىمىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭغا پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىر، ئاممىنىڭ قان- تەرى مۇجەسسەملەنگەن.

  ئۈچىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپتۇ، مەدەنىيلىك ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپتۇ. خوتەن ۋىلايىتى ئېغىر نامرات رايون بولۇپ، يەتتە ناھىيە، بىر شەھەرنىڭ ھەممىسى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش - ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە. مەن نامراتلارنى يۆلەش نۇقتىسىنى نەق مەيداندا كۆرۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، بىر قىسىم دېھقانلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم. ئومۇمەن ئېيتقاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپتۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپتۇ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بوپتۇ، 2014- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە خوتەن ۋىلايىتىدە جەمئىي 101 مىڭ 600 ئائىلە، 422 مىڭ 200 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپتۇ؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2012- يىلىدىكى 3896 يۈەندىن 2017- يىلىدىكى 7817 يۈەنگە كۆپىيىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپتۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر مەبلەغ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ جەھەتتە خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە- شەھەرلەرنى نۇرغۇن ياردەم بىلەن تەمىنلەپتۇ، تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپتۇ. خوتەن ۋىلايىتىدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، 2020- يىلى پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن شىنجاڭ بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسى زور، ئىشەنچىسى يېتەرلىك ئىكەن. خوتەن ۋىلايىتى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تەرەققىيات يولى ۋە نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپتۇ، كادىرلار، ئامما ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئىلگىرىكى يەرگە تايىنىشنى بازارغا تايىنىشقا ئۆزگەرتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كۆپ خىل ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپتۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرى ئاممىنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تۈگىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپتۇ. ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى شۇكى، يېزىلاردىكى پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدا ناھايىتى زور ياخشىلىنىش بولۇپ، روھىي قىياپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بوپتۇ، ئۇلار سىياسەت، قانۇنلارنى ئۆگىنىپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى ئۆگىنىپ، ئىلگىرىكى نادان، قالاق تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپتۇ. ئاممىنىڭ ھەممىسى چىن قەلبىدىن باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىكەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىكەن، بۇنىڭدىن كىشىلەر كەيپىياتىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، قەلبىنىڭ ئىللىق، ئىشەنچىنىڭ تولۇپ تاشقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا پارتىيەگە كىرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ياشىنىپ قالغان بولساممۇ، بىراق پارتىيە ئەزاسىغا خاس مەسئۇلىيىتىم ئۆزگەرگىنى يوق، مەن داۋاملىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدا يىلتىز تارتىشى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ كۈچ قوشىمەن. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىدىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى:

  بىرىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە بىلەن پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىشى، سىياسىيدا ئىتتىپاقلىشىشى، ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرغىلى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئەڭ كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. بۇ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنى؛ جەزمەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، مەن چىن دىلىمدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، تەشكىلگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، خەلققە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر غايە- ئېتىقادنى مۇستەھكەملەشنى ئۆزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ ئاساسى قىلىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى تۈپ سىياسىي تەلەپ قىلىپ، چىن قەلبىمدىن پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى قەتئىي، كەسكىن ھىمايە قىلىمەن ۋە قوغدايمەن. جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي خىزمىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىمىزنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىقنى يېڭىپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەمىزنى، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، ھەر مىللەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان باشلامچىلاردىن بولۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنگەن- ئىشلەنمىگەنلىكىگە باھا بېرىشتە، ئەڭ نېگىزلىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا، تىنچ، ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ساقلانغان- ساقلانمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، قارا چاپلاپ، مىللەتلەر ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە كاشىلا قىلغانلار ۋە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر زوراۋان- تېررورچىلار، مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش كېرەك. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىغان ئاممىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش ۋە ئۆزگەرتىشتە، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، بالدۇر تۇتۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان تەربىيە، بولۇپمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، قانۇن بىلىملىرى ۋە پەن- مەدەنىيەت، ئاتېئىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، نادانلىققا، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار جەزمەن شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور سىياسىي پىرىنسىپال مەسىلىلەردە بايرىقىنى روشەن، مەيدانىنى مۇستەھكەم قىلىپ، تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پوزىتسىيەدە قەتئىي، قەدەمدە بىردەك بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا سىياسىي ئېتىقادنى ئۆزگەرتمەسلىكى، سىياسىي مەيداندا تەۋرەنمەسلىكى، سىياسىي يۆنىلىشتىن ئېغىپ كەتمەسلىكى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك؛ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئەڭ زور دەرىجىدە زەربە بېرىپ، كەڭ دائىرىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ مەسىلىسىدە ئەڭ ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى يەنىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىسى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ــــ ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى. شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كەڭ زېمىندا 50 نەچچە مىللەت ياشايدۇ. مەيلى ئۇيغۇر، خەنزۇ ياكى باشقا مىللەت بولسۇن، ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە داۋاملىشىشىغا، شىنجاڭنى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشقان. خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا ئايرىلالماسلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، قاچانكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى بولسا، شۇ چاغدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد ساغلام راۋاجلانغان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغان. تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ بىر پارچە گۆھەر زېمىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق يۇرت- ماكانى. ھەر مىللەت خەلق ئىناق ئۆتۈپ، ئورتاق كۈرەش قىلسىلا، شىنجاڭ ئاندىن تەرەققىي قىلىدۇ، ھەر مىللەت خەلق ئاندىن ئالغا باسالايدۇ. تارىخ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، باشتىن- ئاخىر ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشى كېرەك.

  تۆتىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك قىلىپ، ئەلرايىغا ياققان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، خاسلىققا ئىگە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرتىپلىك ھالدا شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، يۇرتىغا قايتىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى ۋە ئۆلچىمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەم ئالدىراقسانلىق قىلىپ قاراملىق بىلەن ئىش قىلماي، ھەم پاسسىپلىق بىلەن ئارقىغا سۆرىمەي، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەي، ھەم چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، پەرقلەرنى كىچىكلىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا يېتىش كېرەك.

  بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپلىرى بويىچە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، جاپادىن، خەتەردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ تېخىمۇ شانلىق، پارلاق بولغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ