11-ئاينىڭ 19-كۈنى، خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر يولىدىكى كىگىز ئۆيدە ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ جىڭ (سولدىن 2-كىشى) دوستلىرى بىلەن بىللە مەشنى چۆرىدەپ تاۋۇز يېمەكتە.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى. خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا 11-ئاينىڭ 15-كۈنى قىشلىق تىجارەت باشلانغاندىن بۇيان، كۈنىگە قوبۇل قىلىنغان ساياھەتچى 80 مىڭدىن ئاشتى، ساياھەتچىلەر مۇز ئۆيدە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگدى، كىگىز ئۆيدە مەشنى چۆرىدەپ تاۋۇز يېدى، توردا مودا بولۇۋاتقان ۋاقىت تونېلىدىن ئۆتتى... بىر يۈرۈش نادىر پائالىيەتلەر ئارقىلىق خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا قىشلىق ساياھەت قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ كەتمىدى.