تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم 4-كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مۇزېي (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تەتقىقات ئورنى) پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شياۋمېي

  شىنجاڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا، شىنجاڭنىڭ تارىخى ھەر مىللەت ئامما قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا تايىنىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولغان، ھەر مىللەت خەلق چەت ئەل تاجاۋۇزىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق ئاچقان، قۇرغان تارىختۇر. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەرقانداق دىنغا ئېتىقاد قىلمايمەن. مەن قەتئىي ھالدا شۇنداق قارايمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، بۈگۈنكى ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمىز ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىشىمىز بولمايتتى، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىمۇ بولمايتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمۇ بولمايتتى. مەن تەستە قولغا كەلگەن بۇ چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن.

  بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىگە ئاساسەن، قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى چۆرىدەپ تۈزگەن تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە، قەتئىي ھالدا بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىمەن، تونۇشۇمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىمەن، پوزىتسىيەدە قەتئىي بولۇپ، قەدىمىمنى بىردەك قىلىپ، ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئاتاكىغا ئۆتۈپ، باتۇرلۇق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن.

  ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى بولمىسا، تەشكىلنىڭ يېتىشتۈرۈشى بولمىسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمايتتى. مەن «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئاكتىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەم بەرپا قىلىمەن. كۈندىلىك خىزمەت، تۇرمۇشتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز سۆزلەرنى قىلمايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلمايمەن، سۆز-ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئائىلەمدىكىلەرگە، ئۇرۇق- تۇغقانلارغا، دوستلارغا، خىزمەتداشلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، قەتئىي بوشاشماي ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ توپلايمەن.

  سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، دادىل، مەسئۇلىيەتچان بولىمەن. كۆزىتىش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكىم ئارقىلىق شۇنداق كاپالەت بېرىمەنكى، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ھالقىلىق پەيتتە ۋە ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىمەن. باشتىن- ئاخىر پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆتكۈر شەمشىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى قوغداشنى خىزمەت ئەمەلىيىتىمگە سىڭدۈرىمەن، «باش نىشاننى چۆرىدەش، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىمەن. باشتىن- ئاخىر بۇرچنى ئادا قىلىپ، قەتئىي ھالدا «تۆت خاھىش، تۆت كەيپىيات»نى تۈگىتىپ، ناچار ئىستىللارغا جەڭ ئېلان قىلىپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى، ئىش ئورنى ئېڭى، بازا ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پائال مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىپ، سادىقلىق بىلەن ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.

  بىر مەقسەتتە بولساق، تەيشەن تېغىنىمۇ يۆتكىيەلەيمىز. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېتەكلىشىدە، يۇقىرى- تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، داۋاملىق تىرىشىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرساقلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ