سىچۈەن داشۆسى خۇاشى دوختۇرخانىسى تېرە بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، پىروفېسسور لى لى مۇنداق دېدى: كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر تېرە ئاسراش داۋامىدا بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ. مەسىلەن: كۈندە يۈز چاپلىقى چاپلاش، كۈندە ئايرىش مەلھىمى سۈركەش دېگەندەك. ئۇسۇل توغرا بولمىسا، تېرە سەزگۈرلىشىش ھەتتا قىزىل داغ، قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
يۈزنى زىيادە پاكىز تازىلاش تېرە «توسۇقى»نى مەلۇم دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ
لى لى مۇنداق دېدى: «كۈندە ئىككى قېتىم يۈز يۇيۇش مەلھىمىدە يۈزنى يۇيغاندا، تېرىنىڭ توسۇق قەۋىتى مەلۇم دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. تېرە توسۇق قەۋىتى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا تېرىنىڭ «خىش تام قۇرۇلمىسى» نى كۆرسىتىدۇ. «خىش تام» ئۈستۈنكى تېرە قەۋىتىدە مۇستەھكەم قۇرۇلما ھاسىل قىلىپ، سۇ تەركىبىنىڭ ھۈجەيرە ئىچى-سىرتى ھەمدە ھۈجەيرىلەر ئارا ھەرىكەتلىنىشىنى چەكلەپ، سۇ تەركىبىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تېرىنىڭ مۇھىم بولغان توسۇش ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ.
تېرە مۈڭگۈز قەۋىتىنى دائىم تازىلاش «خىش تام قۇرۇلمىسى»غا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، تېرە توسۇق قەۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇ، قىزىل داغ، سۇلۇق ئىششىق، قىچىشىش، قىزىش، ئاغرىش، تارتىشىشتەك ئالامەتلەر ۋە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى