11-ئاينىڭ 18-كۈنى، كۆرگەزمىدىكى خىزمەتچى خادىم (ئوتتۇرىدا) ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارغا تەرەت تۇڭىنىڭ ئولتۇرۇش ئېغىزى نېپىز پەردىسىنى ئاپتوماتىك ئالماشتۇرىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەت تۇڭى ياپقۇچىنى چۈشەندۈرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» يېڭىلىق يارىتىش كۆرگەزمىسى شاڭخەيدىكى گۇاڭدا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. كۆرگەزمە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھاجەتخانا، يېزا ھاجەتخانىسى، ساياھەت مۇھىت ئاسراش ھاجەتخانىسى، سودا تازىلىق ئۆيى يانداش ئەسلىھەلىرىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش ھاجەتخانىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەت تۇڭى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قەغەز چىقىرىش ماشىنىسى، يېڭى تىپتىكى ھاجەتخانا ماتېرىياللىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىر تۇتاش كۆرگەزمە قىلىندى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى)