تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى

  «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنىڭ يەشمىسى (2)

  □شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى ئەلى غوپۇر

  □شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى مەي يۈخۇا

  «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئاق تاشلىق كىتاب دېيىلىدۇ)نىڭ 1- قىسمىدا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نۇقتىلىق شەرھلەندى: «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ئۇزاق مەزگىل ئالمىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىك مۇنبەت تۇپرىقىدا گۈللەپ ياشنىغان بولۇپ، ئۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى.»

  مەدەنىيەت ــــ بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ جېنى، دۆلەت، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، ھاياتىي كۈچى، ئىجاد قىلىش كۈچىنىڭ مۇھىم مەنبەسى. جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا، ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ بىللە ئۆتكەن، ئالاقىسى كۆپ بولغان، ئوخشاش بولمىغان ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالمىشىپ، سىڭىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان مەدەنىيەت گەۋدىسى ــــ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بولۇپ ئۇيۇشقان. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، مول ۋە چوڭقۇر بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيەت چوڭ باغچىسىدا پورەكلەپ ئېچىلغان ئۆزگىچە گۈل.

  قەدىمدىن تارتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇھىتنىڭ كۆپ خىللىقى تۈپەيلىدىن مول، كۆپ مەنبەلىك بولۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. شيا، شاڭ، جۇ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، جۇڭگو دەسلەپكى قەدەمدە ئەڭ بۇرۇنقى بىرلىككە كەلگەن دۆلەت بولۇپ شەكىللەنگەن، يىن، جۇ مەدەنىيلىكى قاپلىغان رايونلار خۇاڭخې، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنلىرىغىچە كېڭەيگەن. ئەمىنىيە، يېغىلىق مەزگىلىدە، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە رايون مەدەنىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن، چىن، خەن سۇلالىلىرىدىن كېيىن، جۇڭخۇا بۈيۈك بىرلىكى ئىدىيەسى قارىشى تەدرىجىي شەكىللىنىپ، ھەرقايسى شيا مەدەنىيىتى خەن مەدەنىيىتى بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى يېتەكچى مەدەنىيەتكە ئايلانغان. خەن مەدەنىيىتى داۋاملىق ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئالاقىلەشكەن، ئالماشقان، يۇغۇرۇلغان، تاڭ، سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، گىرەلىشىپ جۇلالىنىپ، شانلىق، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ياراتتى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇڭخۇادىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىجاد قىلىشى، ۋارىسلىق قىلىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى بىلەن بارلىققا كەلگەن، ھەر بىر مىللەت مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئۆزگىچە تۆھپىلەرنى قوشتى، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە باشتىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن تامغىسى بېسىلغان. چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىلا، شىنجاڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى بىلەن زىچ ئالاقىنى قانات يايدۇرغان. ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتىن ئىسپاتلىنىشىچە، شىنجاڭدىن تېپىلغان رەڭلىك ساپال بۇيۇملار خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن رايونىدىكى ياڭشاۋ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، خېنەن ئەنياڭدىكى شاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ فۇخاۋ قەبرىسىگە شىنجاڭنىڭ خوتەن قاشتېشىدىن ياسالغان نۇرغۇن بۇيۇم ھەمدەپنە قىلىنغان. دۆلىتىمىزنىڭ چىن سۇلالىسىدىن ئىلگىرىكى مەزگىلدىكى قەدىمكى ئەسەرلەردىن «تاغ- دەريالار دەستۇرى»، «بامبۇك يىلنامە»دە، غەربىي شىمالنىڭ جۇغراپىيەسى ھەمدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن شىنجاڭ رايونىنىڭ ئالاقىسىگە ئالاقىدار خاتىرىلەر بار. غەربىي خەن سۇلالىسى شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، پۈتكۈل غەربىي يۇرتنىڭ ھەربىي- مەمۇرىي ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، شىنجاڭ رايونى بىلەن ئىچكىرى جايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يەكەن بېگى يەن، كاڭ ئاتا- بالا خەن سۇلالىسىنىڭ قائىدە- يوسۇن تۈزۈمىگە تەلپۈنۈپ، باشلامچىلىق بىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ تۈزۈمىگە تەقلىد قىلىپ قائىدە ئېلان قىلىپ، ئىدارە قىلىشنى يولغا قويغان. قائىدە- تۈزۈمدىن باشقا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، خەنزۇچە كىتابلىرى، مۇزىكا- ئۇسسۇللىرى قاتارلىقلار غەربىي يۇرتقا كەڭ تارقالغان. غەربىي خەن سۇلالىسى شىنجاڭ رايونىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، خەنزۇ تىلى غەربىي يۇرتنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىللارنىڭ بىرى بولغان. شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىدە خۇاشيا مەدەنىيىتى تۈسى تېخىمۇ قويۇقلاشقان. ۋېي، جىن، جەنۇبىي- شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە، چۈي فامىلىسىنى قوللانغان قوچۇ خانلىقى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، ئوردىسىغا «لۇگۇڭنىڭ كۇڭزىدىن ھاكىمىيەت ئىشلىرى توغرىسىدا تەلىم ئېلىشى» دېگەن رەسىمنى سىزدۇرغان ھەم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تەقلىد قىلىپ مەكتەپ قۇرغان. تۇرپاننىڭ ئاستانە ۋە قاراغوجا قەبرىستانلىق رايونىدىن قېزىپ چىقىلغان شۇ دەۋرگە مەنسۇپ «لۇنيۈ جېڭشى ئىزاھاتى»، «شاۋجىڭ»، «چيەنزىۋىن» قاتارلىق كىتاب قالدۇقلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇقىنى ھەمدە شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنى پائال ئۆگەنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئالغانلىقىدەك ئەھۋالنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. تاڭ سۇلالىسىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ئۆزئارا قوشۇلۇپ، ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىنى زور دەرىجىدە بېيىتقان. تاڭ سۇلالىسىدىكى يىجوۋ (ئىۋىرغول)، شىجوۋ (قوچۇ)، تىڭجوۋ (بېشبالىق) رايونلىرىدا كۇڭزىچىلىق ئېقىمى ئىدىيەسى بىر قەدەر كەڭ تارقالغان بولۇپ، تۇرپاندا نۇرغۇن كۇڭزىچىلىق ئېقىمى كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ قول يازمىسى قېزىپ چىقىلغان. خەنزۇ يېزىقى ئەينى چاغدىكى غەربىي يۇرتتا ئورتاق قوللىنىلىدىغان يېزىق بولۇپ، مەيلى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ھۆججەت ياكى ئەل ئىچى كېلىشىملىرى بولسۇن، ھەممىسى خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلغان. سۇڭ، لياۋ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يۈزلىنىشىگە داۋاملىق تەسىر كۆرسەتكەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن، شىنجاڭ رايونىدا «قۇتادغۇبىلىگ»، «تۈركىي تىللار دىۋانى» قاتارلىق كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. لياۋ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، خان جەمەتىدىن يوللىغ تاشىن قىسمەن قىتانلارغا باشلامچىلىق قىلىپ غەربكە يۈرۈش قىلىپ قاراخانىيلار خانلىقىنى بويسۇندۇرغان، قۇرۇلغان غەربىي لياۋ ھاكىمىيىتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ قائىدە- تۈزۈمىگە ئىتائەت قىلغان، ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ يېزىقى خەنزۇ يېزىقى بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا تارقىلىشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولغان. يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدە، مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭدا ھەربىي- مەمۇرىي ئىشلارنى بىر گەۋدە قىلغان ئىدارە قىلىشنى يولغا قويغان، يىپەك يولىدا گۈللىنىش مەنزىرىسى قايتا نامايان بولغان. ئۇيغۇر قاتارلىق نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە سىڭىشىپ، خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگەن، ئىشلەتكەن، كۇڭزى تەلىماتىنى تەتقىق قىلغان، كۇڭزىچىلىق مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرغان، بىر تۈركۈم سىياسىيون، ئەدىب، سەنئەتكار، تارىخشۇناس، ئاگرانوم، تەرجىمانلار بارلىققا كەلگەن، ئۇلار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە قىممەتلىك تۆھپىلەرنى قوشقان، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىدە تەرەققىيات يۇقىرى پەللىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە، «جاڭغىر»، «ئون ئىككى مۇقام» قاتارلىقلار تەدرىجىي شەكىللەنگەن. چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى جايلارنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرگەن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى مانجۇ، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان لەشكەر، خەلق بىر قەدەر مەركەزلەشكەن رايونلاردا تۈرلۈك مەكتەپلەرنى قۇرغان. كېيىن، ياقۇپبەگنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ كېڭەيمىچىلىكى قاتارلىقلار شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئېغىر ۋەيران قىلغان. 1884- يىلى شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى جايلاردا مائارىپنى گۈللەندۈرگەن، مەكتەپ قۇرغان ھەم ھەر مىللەت تەرجىمە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرگەن، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى قايتا قۇرغان ۋە ئەسلىگە كەلتۈرگەن، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشى داۋامىدا يېڭى كۈچكە ئېرىشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئېقىنىغا قايتا قوشۇلغان. يېقىنقى، ھازىرقى زاماندىن بۇيان، شىنخەي ئىنقىلابى، «4- ماي» يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى، رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى، جۇڭگو يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابى كۈرىشىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى زامانىۋىلىشىشقا يۈزلەنگەن، بولۇپمۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ رايونىدا يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يېيىپ، ماركسىزم كەك تارقىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاك بولۇشىدا ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار» دەيدىغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى نامايان قىلغان، مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى مىسلىسىز گۈللىنىش، راۋاجلىنىش مەزگىلىگە كىردى. تارىخىي پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى بىلەن غەربىي يۇرت (شىنجاڭدىكى مىللەتلەر) مەدەنىيىتى تومۇرداش، زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۇزاق مەزگىل ئالمىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ، ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ھەم كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى.

  ئاق تاشلىق كىتاب «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتىدە باشتىن- ئاخىر كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئالمىشىشتەك مەنزىرە نامايان بولغان»لىقى، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مىللەتلەرنىڭ روھىنى مۇجەسسەملەيدىغان مەنىۋى رىشتە» ئىكەنلىكىنى نۇقتىلىق بايان قىلدى. جۇڭگونىڭ تارىخىي ئىلگىرىلىشى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ جايلىشىش جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىدىغان، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا قوبۇل قىلىدىغان ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى بەلگىلىگەن. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي جۇغراپىيەلىك مۇھىتى بوستانلىق تېرىقچىلىقى مەدەنىيىتى بىلەن يايلاق كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ بىر- بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولغان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغان قوۋملار ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا تولۇقلاپ، كۆچۈپ، قوشۇلۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى ياراتقان. شىنجاڭ تارىختا يەنە ياۋروپا- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشتىكى يولى بولۇپ، قەدىمكى دەۋردىكى شەرق، غەرب مەدەنىيلىكىنى تۇتاشتۇرىدىغان «يىپەك يولى» مۇشۇ يەردىن ئۆتىدۇ، ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورۇن شىنجاڭنى قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت توپلاشقان، ئالماشقان رايونغا ئايلاندۇرغان. شىنجاڭ رايونىدا ئارقا- ئارقىدىن تەخمىنەن 20 خىل تىل- يېزىق بايقالدى. بۈگۈنگە قەدەر، خەنزۇ- زاڭزۇ تىللىرى سىستېمىسى، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى، ھىندى- ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسىدىكى تىللار ھېلىھەم مەۋجۇت. تۇرمۇشتا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تەڭ قوللىنىش شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكى. شىنجاڭدىكى قىزىل مىڭئۆي، بېزەكلىك مىڭئۆي، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى قاتارلىقلارغا خەنزۇ، قەدىمكى ئۇيغۇر، تۈبۈت، شۇنىڭدەك شىنجاڭدىكى قەدىمىي ئاھالىلەرنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىلى يۇغۇرۇلغان، قەدىمكى جۇڭگو مەدەنىيەت- سەنئىتىنىڭ ئۈلگىسى ھېسابلىنىدۇ. قەھرىمانلىق تارىخىي داستانى «ماناس» قىرغىز ماناسچىلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئېيتىپ كېلىشى ۋە بېيىتىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو- چەت ئەل ئەدەبىيات تارىخىدا كاتتا شۆھرەتكە ئېرىشكەن ئەدەبىي ئەسەرگە ئايلاندى. 15- ئەسىرنىڭ ئالدى- كەينىدە، ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ قەھرىمانلىق تارىخىي داستانى «جاڭغىر» شىنجاڭ رايونىدا تەدرىجىي شەكىللىنىپ، «ماناس»، «گېسار» داستانلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۈچ تارىخىي داستانى دەپ تەرىپلەندى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، «بىزنىڭ ۋەتىنىمىز گۈلباغ»، «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» قاتارلىق نادىر ناخشىلار ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقالدى؛ «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان»، «قۇربان تاغىنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى» قاتارلىق مۇنەۋۋەر كىنولار پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلدى.

  ئۇزاق مەزگىللىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش داۋامىدا، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشى باشتىن- ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭ رايونىنىڭ پىلە باقمىچىلىقى ۋە يىپەك توقۇمىچىلىق تېخنىكىسى كاتتا نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. شىنجاڭ رايونىدىكى سۇچىلىق- سۇغىرىش قۇرۇلۇشى بولغان كارىز تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكىدىكى ۋەكىللىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە شىمالىي چۆللۈك مەزگىلىدە شەكىللەنگەن قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى، شۇنداقلا مانى دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىقلارنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، باشتىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ «كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن» ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان. شۇڭا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى ۋە جېنى دېيىلىدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتاب: «<بىر- بىرىدىن ئايرىلالماسلىق> باشتىن- ئاخىر مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى» دەپ كۆرسەتتى. شىنجاڭدا، ئوخشاش بولمىغان تىللار ئارىسىدا ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا قوللىنىش ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلاندى، كۆپ خىل، ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئېسىل يېمەكلىكلەردىن ھۇزۇرلىنىش مىللەتلەرنىڭ ئورتاق قىزىقىشى، چاغان، يۈەنشياۋ بايرىمى، دۈەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت ھەر مىللەت خەلق بىللە ئۆتكۈزىدىغان بايرامغا ئايلاندى. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇزاق مەزگىل بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، تىل، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، مۇزىكا، ئۇسسۇل، رەسساملىق، بىناكارلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت- سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتتى، ئۆزئارا قوبۇل قىلدى، ئۆزئارا يۇغۇرۇلدى، «بىر- بىرىدىن ئايرىلالماسلىق» باشتىن- ئاخىر مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بولۇپ كەلدى. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر قىممەت يۈزلىنىشى، ئېتىكا- ئەخلاق، تەپەككۇر ئۇسۇلى، گۈزەللىك قىزىقىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزئارا سىڭىشىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئامىلىغا ۋارىسلىق قىلماقتا. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەت ئەزالىرى مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئىناق بىللە ياشايدىغان ياخشى ئىجتىمائىي ئېكولوگىيەنى شەكىللەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ