تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

قەتئىي ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ھۆرىگۈل تۇرسۇن

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم بايانىنى قايتا- قايتا ئۆگىنىش ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇنلۇقىنى، تامامەن دانا، توغرا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قىلچە تەۋرەنمەي باش نىشاننى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش پىروگراممىسى ۋە يېتەكچىسى قىلىپ، قەتئىي ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن، دەۋر بىزگە يۈكلىگەن سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممەمگە ئالىمەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ھەدەپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ۋاسىتە تاللىماي بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئەتراپىمىزغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە، ئۇلار كىشىلەر ئالدىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرىمىز، دەپ جار سېلىپ، كىشىلەر كەينىدە قارا قولىنى ئاشكارىلاپ، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقتى. بىز چوقۇم كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، قاتتىق قول بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

  بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن. مەن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ سىنىقى ئالدىدا، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولىمەن.

  مەسئۇلىيىتىم، مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىپ مۇقىملىقنى قوغدايمەن. مەن مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، تەشۋىق- تەربىيە خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە گەپ- سۆزلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ھالقىلىق پەيتتە سۈكۈتتە تۇرۇۋالمايمەن، مۇھىم، زور مەسىلىلەردە جىم تۇرۇۋالمايمەن. پولاتتەك ئىرادەم، پولاتتەك بىلىكىم، پولاتتەك ئىنتىزامىم بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزىمەن.

  پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىمەن. ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا كادىرلار، ئاممىغا ئاگاھ سىگنالى چېلىش، تەلەپ قويۇش، ئىنتىزامنى تەكىتلەش مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى، شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ى بىلەن ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى توغرا ماركسىزملىق «بەش قاراش» ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەيمەن.

  ئۇيغۇرلاردا «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دېگەن ماقال بار. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، كادىر، ئاممىنىڭ ھالقىلىق پەيتتە مەيدانىنى مۇستەھكەم قىلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشىغا موھتاج. مەن باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، بايرىقىم روشەن ھالدا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئۈلگىلەردىن بولۇپ، ئىسسىق قېنىم ۋە ساداقىتىم بىلەن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ