تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى سەپكە ئاتلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرى سۆھبەت يىغىنى پوسكام ناھىيەسىدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دىققەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ھەرقايسى نامرات ناھىيەلەر ئىدىيەنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ، ئۆز قەرەلىدە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشقا سەپەرۋەر قىلىندى، رىغبەتلەندۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما، ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتى. ناھىيەلىك پارتكوم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى قوماندانلىق ئىشتابى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى باش قوماندان بولۇش سۈپىتى بىلەن، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قارىغا ئېتىش نىشانىنى توغرا بېكىتىپ، ئۆتكەلگە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ، پارتىيەگە بولغان مۇتلەق سادىقلىق بىلەن تارىخ ۋە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجە يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى بىرىنچى قوللۇق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى سەپكە ئاتلىنىپ، ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاشتىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. نامراتلارنى پەرقلەندۈرۈش ۋە چېكىندۈرۈشنى ئەڭ ئاساسىي خىزمەت قىلىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، دەل جايىدا بولۇشنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، ھەقىقىي چېكىندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا- كەنت بىرىنچى سېپىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ۋە مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈر مەبلىغىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش كۈچى، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىرىكتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقىرىشقا يېتەكلەش كېرەك. تەربىيەلەش- يېتەكلەش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ تۈرتكىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىغا نەپنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش، «ياخشى كۈنلەرنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەنلىكى»نى بىلدۈرۈش، نامرات ئاممىنى بىر جۈپ ئەمگەكچان قولىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىدىيەۋى تونۇش، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە خىزمەت ئىستىلى مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئىچىگە قارىتىپ، دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، دەرھال تۈزەپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئىنتىزام ئىجراسى جاۋابكارلىقىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋاقىتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىنى تەربىيەلەشنى ۋە تۈر پىلانىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، مەسىلىنى جايىدا تۈزەپ، تەلتۆكۈس تۈزەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك خىزمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ