خېبېي ئۆلكىسىنىڭ سۇنىڭ ناھىيەسىدىكى بىر مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا چالغۇ ياسىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مىللىي چالغۇ ئىشلەپچىقىرىش توپلاشقان جايى بولغان سۇنىڭ ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كارخانىلارنى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يولىغا مېڭىشقا پائال يېتەكلەپ، چالغۇ ياساش كەسىپلىرىنى ئىلگىرىكى ئائىلە ھۈنەرۋەنچىلىك شەكلىدىكى ئىشلەپچىقىرىشتىن زامانىۋىلاشتۇرۇپ ۋە كارخانىلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، نۆۋەتتە بۇ ناھىيەدىكى 60تىن كۆپ مىللىي چالغۇ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى يىلىغا ئىشلەپچىقىرىدىغان كوتو، باربىت، چاڭ قاتارلىق چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ سانى 700 مىڭ دانىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ۋە ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلىدىكەن.