11-ئاينىڭ 15-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى شاخې شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە شاخې شەھەرلىك قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى كۆرەلمەيدىغان رايون توغرىسىدا ساۋات چۈشەندۈرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. خېبېي ئۆلكىسى شاخې شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىغا ئالاقىدار قاتناش بىخەتەرلىكى باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قاتناش ساقچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى كۆرەلمەيدىغان رايون ۋە يول قاتناش بىخەتەرلىكى ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى قاتناش بىخەتەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە يېتەكلىدى. (چېن لېي فوتوسى)