ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ شىنجۈن، ماۋ جىڭ، لياڭ خاۋ خەۋىرى، فوتوسى: 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ چەرچەن ناھىيەسى تاتىراڭ بازىرى ئادراسمان كەنتى ئاھالىسى قاسىم تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ كۆكتات پارنىكى باھار تۈسىنى ئالغان بولۇپ، ياپيېشىل يازلىق بەسەيلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتاتتى.
كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاھالىلەرنى قىشتىمۇ يېڭى كۆكتات يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، چەرچەن ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۆكتات پارنىكىدىن 27 نى قۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات يېيىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، بىر قىسىم ئاھالىلەر يەنە بۇ كۆكتاتلارنى سېتىپ كىرىمىنى ئاشۇردى. قاسىمغا بىر كۆكتات پارنىكى بۆلۈنگەن بولۇپ، يازدا پارنىكقا پەمىدۇر، لازا قاتارلىق كۆكتاتلارنى، قىشتا يازلىق بەسەي، پەمىدۇر قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىدى.
قاسىم خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە رەھمەت، بۇ كۆكتات پارنىكى بار بولغاندىن كېيىن، قىشتىمۇ يېشىل، يېڭى كۆكتاتلارنى يېيەلەيدىغان بولدۇق. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە بىزنى كۆكتات تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈشكە تەشكىللىدى. بۇ يىل كۆكتات سېتىپلا 8000 يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلدىم.