تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىل پۇل مۇئامىلە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: «يېشىل كىرېدىتنىڭ قوللىشىدا، ئىككى يېشىل تۈرىمىزنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى. مۆلچەر بويىچە ھېسابلىغاندا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سۇ تېجەش تۈرىنىڭ بۇ يىللىق سۇ تېجەش ئۈنۈمى %15 كە، سۇ تېجەش مىقدارى 35 مىڭ توننىغا يېتىدۇ» دېدى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى شىنجاڭ گۇاڭخۈي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى سۈي پېڭچېڭ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مېتانول ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، شىنجاڭ گۇاڭخۈي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى پاسكىنا سۇنى سىستېمىلىق ئۆزگەرتىش تۈرىدىن بىرنى ۋە سۇ تېجەش تۈرىدىن بىرنى يولغا قويدى، بۇ تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشى قومۇل شەھەرلىك سودا بانكىسىنىڭ يېشىل كىرېدىت بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇ تۈرلۈك قەرزنىڭ قەرز پۇل بېرىش سۈرئىتى تېز بولۇپلا قالماي، ئۆسۈمىمۇ ئادەتتىكى قەرز پۇلىنىڭكىدىن 3.63 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەن.

  بىر يىلدىن ئارتۇق ئىزدىنىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا دەسلەپكى نەتىجە- ئۈنۈم كۆرۈلۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا كۆپ نۇقتىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈچ سىناق رايونىدىكى يېشىل كىرېدىت قالدۇقى 34 مىليارد 387 مىليون يۈەن بولۇپ، تۈرلۈك قەرز پۇل ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %17.79 ىنى ئىگىلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يېشىل پۇل مۇئامىلە قەرزى، مۇھىت بۇلغىنىش جاۋابكارلىقى سۇغۇرتىسى، يېشىل كەسىپ سېلىنمىسى يېتەكچى فوندى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يېشىل ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

  خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ باشلىقى گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، ئىقتىسادنى يېشىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. يېشىل پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ، مەبلەغنى ئەنئەنىۋى «ئۈچ يۇقىرى، بىر تۆۋەن» كەسىپلەردىن تەدرىجىي چېكىنىشكە ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، يېشىل كەسىپلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىلەن مۇھىت ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئىقتىسادنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشكە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز «بىر يادرو، قوش چاقلىق قوزغىتىش، ئۈچ چوڭ ئورۇنلاشتۇرما» ئومۇمىي تەپەككۇرىنى بېكىتتى. «بىر يادرو» يېشىل- تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكىنى ئىقتىسادنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنىڭ يادروسى قىلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ «قوش چاقلىق قوزغىتىش» ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە گۈللەنمە يېشىل تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىستراتېگىيەدۇر؛ «ئۈچ چوڭ ئورۇنلاشتۇرما» ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايوننى ئايرىشقا تايىنىپ، شەھەرلەشكەن رايونلار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆپ چىقىدىغان رايونلار ۋە نۇقتىلىق ئېكولوگىيەلىك فۇنكسيەلىك رايونلارنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسلىق ۋاسىتىسى قىلىشتۇر. گو جيەنۋېي مۇنداق دېدى: يېشىل ئىقتىساد يېشىل پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى. ئىقتىسادنى يېشىللاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىش يولىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىلا، يېشىل پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا نىشانلىق ئوق ئاتقىلى بولىدۇ. بىر يىلدىن بۇيان، ئۈچ سىناق رايونى «ئىككى قولدا تۇتۇش»، يەنى بىر قولدا ئىقتىسادنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى تۇتۇش، بىر قولدا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇردى.

  ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى سەككىز سىناق رايونىدا باشلامچىلىق بىلەن يېشىل تۈر ئامبىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېشىل تۈرنى قوللاش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنىڭ يېشىل كەسىپكە دەل مۇلازىمەت قىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە بايلىقىنىڭ يېشىل ساھە، يېشىل كەسىپلەرگە مەركەزلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. بۇلتۇر 6- ئايدا، گوۋۇيۈەن قومۇل شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرىدە يېشىل پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىناق رايونى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى. بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈچ سىناق رايونىدا جەمئىي 368 «ساپ يېشىل» تۈر يېشىل تۈرئامبىرىغا كىرگۈزۈلدى.

  گو جيەنۋېي: پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدە بىز يېشىل پۇل مۇئامىلىدە تەكرار قەرز پۇل بېرىش، يېشىل تالوندا تەكرار دىسكونت قىلىش كەسپى قاتارلىق پۇل سىياسىتى قوراللىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش رولىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ يېشىل پۇل مۇئامىلە كەسىپلىرىنىڭ تەلەپچانلىق مېخانىزمىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ «يېشىل كەسىپنى كۆپەيتىشكىلا بولىدۇ، ئازايتىشقا بولمايدۇ، يېشىل كەسىپتىن باشقا كەسىپنى ئازايتىشقىلا بولىدۇ، كۆپەيتىشكە بولمايدۇ» دېگەن كەسىپ قائىدىسىنى يولغا قويۇشىنى ئىلگىرى سۈردۇق، دېدى. خەلق بانكىسىنىڭ قاراماي مەركىزىي تارماق بانكىسى شىنجاڭدىكى تۇنجى يېشىل تالوندا تەكرار دىسكونت قىلىش كەسپىنى بېجىرىپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش، تۈزەش تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلارنىڭ مۇھىت تۈزەشنى كۈچەيتىشىگە ياردەم قىلدى. خەلق بانكىسىنىڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەركىزىي تارماق بانكىسى 200 مىليون يۈەن تەكرار قەرز پۇل ئاجرىتىپ، شىنجاڭ خۈيئېر گۇرۇھىنىڭ يېڭى تىپتىكى سۇيۇق ئوغۇت ۋە شىنجاڭ شوۋخې دېھقانچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ 100 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەلا سۈپەتلىك يېشىل بازا قۇرۇلۇشى تۈرىنى نىشانلىق قوللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ