11-ئاينىڭ 4-كۈنى، سانجى شەھىرى ليۇگۇڭ بازىرىدىكى سانجى «جۇچۆيۈەن» قۇش باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باقمىچىسى شاتۇتىلارغا سۇ قۇيۇپ بەرمەكتە. (لى رۇي فوتوسى)
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىشقا بولغان ئېھتىياجىمۇ ئاشتى، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىلىرى قۇش تاماشا قىلىشنى ياقتۇرۇپ قالدى، بۇنىڭ بىلەن شاتۇتى بېقىشمۇ ئىستىقباللىق كەسىپكە ئايلاندى. سانجى «جۇچۆيۈەن» قۇش باقمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدىكى باقمىچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شاتۇتى كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى كۈچلۈك، يىرىك يەم-خەشەكلەرگە چىداملىق، بېقىش ۋە كۆپەيتىش ئاسان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ھازىر شىركەتتە 30 نەچچە تۈردىكى 1000 دىن ئارتۇق شاتۇتى بار ئىكەن.