11-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى سۇ جانلىقلىرى تەتقىقات ئورنى ۋۇخەن ئاق پالاقلىق دېلفىن باققۇچىسى چاڭجىياڭ دەرياسى دېلىفىنىنى ئوزۇقلاندۇرماقتا.
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى سۇ جانلىقلىرى تەتقىقات ئورنى ۋۇخەن ئاق پالاقلىق دېلىفىن سارىيىدا ئالتە چاڭجىياڭ دەرياسى دېلىفىنى ياشايدۇ. چاڭجىياڭ دەرياسى دېلىفىنى بىر خىل قەدىمكى سۈت ئەمگۈچى سۇ جانلىقى بولۇپ، يەر شارىدا ياشاپ كەلگىنىگە 25 مىليون يىل بولغان. ئۇ يەنە چاڭجياڭ دەرياسى ئېكولوگىيەسىدىكى «تىرىك قاتما» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ دېلىفىنلار چاڭجىياڭ دەرياسى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنىدىكى غول ئېقىن ھەمدە ئۇنىڭغا تۇتاشقان پوياڭ كۆلى، دۇڭتىڭخۇ كۆلى قاتارلىق سۇ رايونىغا تارقالغان. ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە چاڭجىياڭ دەرياسى دېلىفىنىنىڭ سانى پەقەت 1000دىن ئاشىدىكەن. نۆۋەتتە، تەتقىقاتچىلار چاڭجىياڭ دەرياسى دېلىفىنىنى قوغداشتا باشقا يەرگە كۆچۈرۈپ قوغداش ۋە سۈنئىي بېقىشنى ئاساس قىلماقتا.
-شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
(شياۋ يىجىيۇ فوتوسى)