بۇ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى كورېيە پايتەختى سېئۇلدا سۈرەتكە تارتىلغان 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورېيە خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى نەق مەيدانى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورېيە خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى كورېيە پايتەختى سېئۇلدىكى ئولىمپىك مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو-كورېيە كىنوچىلىق ساھەسىدىكى مىڭغا يېقىن كىشى مۇراسىمغا قاتناشتى. بۇ قېتىملىق كىنو بايرىمىنى جۇڭگو-كورېيە خەلقئارا كىنو بايرىمى تەشكىلىي كومىتېتى جۇڭگو خەلقئارا مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، كىنو بايرىمى ئارقىلىق جۇڭگو-كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش-ھەمكارلىقىغا كۈچ بېغىشلاندى. (ۋاڭ جىڭچاڭ فوتوسى)