تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» قەلب كۆۋرۈكىنى تۇتاشتۇردى

  توققۇزتارا ناھىيەسى جىرغىلاڭ يېزىسىدىكى ئوشاغاندى مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئەسبىدىن سەمەت

  ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، مەن شەرەپ بىلەن توققۇزتارا ناھىيەسى جىرغىلاڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ خۇي بىلەن تۇغقانلاشتىم. ئۇنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش ئەھۋالدىمۇ، ھەر ئايدا ئىككى، ئۈچ ئاخشام ۋاقىت چىقىرىپ ئۆيىمىزگە كېلىپ قونىدۇ، ئۆيىمىزنى ئۆز ئۆيى دەپ بىلىدۇ، بىز چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىمىز، ئائىلىمىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆزلىشىمىز، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىشلارنىمۇ سۆزلىشىمىز، ئۇ يەنە ماڭا ۋە ئائىلەمدىكىلەرگە، قوشنىلارغا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ، بولۇپمۇ ماڭا پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرگەچكە، مەندە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى فاڭجېنى، سىياسىتى، پىرىنسىپىنىڭ قانداقلىقى، قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك دىنىي خادىم بولغىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا تېخىمۇ ئېنىق تونۇش ھاسىل بولدى. بولۇپمۇ مېنى تەسىرلەندۈرگىنى شۇكى، ئۇ ئانامنى ئۆز ئانىسى دەپ بىلدى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمى مېنى مەركىزىي سوتسىيالىزم شۆيۈەنىگە تۆت ئايلىق مەركەزلىك تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتمەكچى بولغاندا، ئانامنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ ئىككىلىنىپ قالغانىدىم. ليۇ خۇي مېنىڭ ئارسالدى بولۇۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ، قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ئۆيدە مەن بار تۇرسام، سىز يەنە نېمىدىن ئەندىشە قىلىسىز؟ بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويماڭ، بارغاندىن كېيىن خاتىرجەم ئۆگىنىڭ، ئىپادىڭىزنى ياخشى قىلىڭ» دېدى. مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاتىرجەملىك ۋە ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېنى ياخشى تۇغقانغا ئىگە قىلغىنىغا رەھمەت!

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى مەن ۋە ئەتراپىمدىكى دېھقان- چارۋىچىلارغا ياخشى كادىرلارنىڭ يەنە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى! ئۇلار چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغا چۈشەلەيدىغان، چېدىرلاردا تۇرالايدىغان، بەنچاڭدا ئۇخلىيالايدىغان، تاماق تاللىمايدىغان بولغاچقا، ھەر مىللەت پۇقرالار بىلەن قەلبى تېخىمۇ يېقىنلاشتى، مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قارارىنى چىقىرىشى دانا، توغرا بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ، خۇددى مەيىن شامال، سىم- سىم يامغۇردەك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونىدىكى ھەربىر ئائىلىنى ئوزۇقلاندۇرماقتا. مەن «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»دىن ئىبارەت مۇشۇنداق ياخشى پائالىيەتنىڭ مەڭگۈ قانات يايدۇرۇلۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

  بۇ قېتىم پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە يېزىسى ۋە قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرىدىكى ئىككى كەنتتە نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما «بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر ئائىلە توغقانلار» بولۇشتەك جانلىق مەنزىرە مېنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، ئىتتىپاق، مۇقىم مۇھىت بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرمۇ قولدىن كېتىدۇ. دىنىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە مەن چوقۇم تۆۋەندىكىلەرنى ئىشقا ئاشۇرىمەن:

  بىرىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ھەرقانداق ئاتالمىش «ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق»نى تەرغىب قىلىدىغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭكىدىن ياخشى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىنىي خادىملارغا كۆيۈنۈپ، غەمخورلۇق قىلىدىغان، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قوغدايدىغان، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ قانۇنلۇق دىنىي ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان، دىنىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدىغان سىياسەت- تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا «پانئىسلامىزم» «پانتۈركىزم» خاتا ئىدىيەسىگە رەددىيە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ تارىخنى ئۆزگەرتىپ ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رەزىل غەرىزىنى پاش قىلىپ، قەتئىي ھالدا چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە مىللىي مۇناپىقلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  ئىككىنچىدىن، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزىمەن. قۇدرەتلىك دۆلەت بولمىسا، نەدىمۇ بەختلىك ئائىلە بولسۇن؟ مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگو پۇقراسى بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن، ئۆزۈمنىڭ بۇنداق ئىتتىپاق، گۈللەنگەن، قۇدرەتلىك جۇڭگودا تۇغۇلغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، پارتىيەنى قىزغىن سۆيىمەن، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىمەن، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىمەن، ئاڭلىق ھالدا پۇقرالىق مەسئۇلىيىتىم، مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان، قانۇننى ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇننى قوللىنىدىغان لاياقەتلىك پۇقرا بولىمەن.

  ئۈچىنچىدىن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن. باشتىن- ئاخىر «ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ـــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ـــ ئاپەت» ئىكەنلىكىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل ماكانىمىزنى ئورتاق ياخشى قۇرىمەن، ياخشى قوغدايمەن.

  تۆتىنچىدىن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد، توغرا يول تۇتۇشقا پائال يېتەكلەيمەن. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ قەدىرلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ تەربىيەسى، باشقۇرۇشى ۋە نازارىتىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، «ۋەز- تەبلىغ توپلىمى»دىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىدىكى ۋەتەننى سۆيۈش، تىنچلىققا ئىنتىلىش، ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى تەپسىر قىلىش، ۋەز ئېيتىش ھەرىكىتىگە سىڭدۈرۈپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، قويۇق تۇمانلارنى سۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد، توغرا يول تۇتۇش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ