تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

تۇرمۇشتىكى ئۈچ پىرىنسىپ

    مەن ئېرىم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان، توي قىلغىنىمىزغىمۇ بەش يىلدىن ئاشتى. بەش يىللىق تۇرمۇش جەريانىدا مەن ئىزچىل بۇ ئۈچ پىرىنسىپقا دىققەت قىلىپ كەلدىم: 1.بەكلا ئاچچىقىم كەلگەندە ھەرگىز گەپ قىلمايمەن. ھەممىمىز ئادەتتىكى ئادەم. ئاچچىقىمىز كەلگەندە كىشىگە ئازار بېرىدىغانلىكى گەپلەرنىڭ ھەممىنى ئاغزىمىزدىن چىقىرالايمىز. گەرچە بۇ گەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەسلى مۇددىئايىمىز بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ گەپلەر ئاڭلىغۇچىنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق ئازاپلايدۇ. 2. ھەر قانچە ئاچچىقىم كەلسىمۇ، ئاچچىقىمنى بالامدىن ئالمايمەن. 3. ئاجرىشىمەن، دېگەن گەپنى ئاسانلىقچە ئاغزىمدىن چىقارمايمەن. كىچىككىنە جېدەل-ماجىرادا بىرلىككە كېلەلمەسلىك تۈپەيلى ھەر كىمنىڭ ئۆز يولىغا مېڭىشى مېنىڭچە كىچىك ئىشنى چوڭايتقانلىق ھېسابلىنىدۇ.
    1. ئاچچىقىڭىز كەلگەندە گەپ قىلماڭ.
    تۇرمۇش كۆل سۈيىدەك تىنچ بولمايدۇ، بەزىدە تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، ئاچچىقىڭىز «قىرىق گەز ئۆرلىگەندە»، ئۈچ مىنۇت سۈكۈت قىلىڭ. ئىچىڭىزگە پاتقۇزالمىغان ئاچچىق گەپلىرىڭىزنىڭ بىرىنىمۇ ئېيتماڭ. ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن بۇ گەپلەرنىڭ بىرىنىڭمۇ سىز ئېيتماقچى بولغان سۆزلەر ئەمەسلىكىنى بايقايسىز.
    2. ھەر قانچە ئاچچىقىڭىز كەلسىمۇ، ئاچچىقىڭىزنى بالىدىن ئالماڭ.
    ئاياللار قورساق كۆتۈرۈش جەريانىدا بالا بىلەن بىر جان، بىر تەنگە ئايلىنىدۇ، شۇڭا بالىغا بولغان مۇھەببىتى كۆپىنچە ھاللاردا دادىلارنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئاياللار جېدەل-ماجىرادىن كېيىن ھېچ ئىش بولمىغاندەك بالىسى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئويۇن ئوينايدۇ. بالىسىنى يۇيۇندۇرغاچ، مازغاپ پۈۋلەپ ئوينايدۇ. ھېكايە ئېيتقاچ بالىسىنى ئۇخلىتىدۇ. بالا ئۇخلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بايا ئاخىرى چىقمىغان تالاش-تارتىش ھەققىدە ئويلىنىدۇ. ھەرگىزمۇ ئەينى چاغدىكى كەيپىياتىنى بالىغا تەسىر قىلدۇرمايدۇ.
    3. ئاجرىشىمەن، دېگەن گەپنى ئاسانلىقچە ئاغزىڭىزدىن چىقارماڭ.
    ئائىلە تۇرمۇشى بەلگىلىك ھېسسىيات ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. شۇڭا ۋاقىتلىق جېدەل-ماجىرانى دەپ ئىككىيلەننىڭ ئۆز يولىغا راۋان بولۇشى ئاقىلانىلىك بولمايدۇ. شۇنداق گەپنى ئېغىزدىن چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئاجرىشىشنىڭ بالىغا قانچىلىك ئازاپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ياخشى ئويلىشىش، ھەرگىزمۇ يەڭگىلتەكلىك قىلماسلىق كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ