بېلىق قورۇغاندا قازانغا چاپلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
بېلىقنى مايدا قورۇغاندا بېلىق قازانغا چاپلىشىپ قالسا، بېلىق تېرىسى ئاسانلا يىرتىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىنى خالىمىسىڭىز، ماي قىزىغاندا مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر سېلىپ، ماينىڭ رەڭگى ئالتۇن رەڭگە ئۆزگەرگەندىن كېيىن، بېلىقنى قازانغا سېلىپ قورۇسىڭىز، بېلىق قازانغا چاپلىشىپ قالمايدۇ.
قورۇما قورۇغاندا تەم تەڭشەش
قورۇما قورۇغاندا ئازراق ئاق شېكەر قوشۇۋەتسەك قورۇمىنىڭ رەڭگى تېخىمۇ چىرايلىق، تەمى تېخىمۇ مەززىلىك بولىدۇ.
تاماق تۇزلۇق بولۇپ قالغاندا، مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر قوشۇۋەتسەك تۇز تەمى تەڭشىلىدۇ.
گۆش تۇزلىغاندا ئاق شېكەر قوشۇۋەتسەك، گۆشتىكى ئاقسىل مىقدارى ئارتىپ، گۆشنىڭ تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.