11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر مەيدان قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، ھۆل-يېغىنغا قارىغاندا تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا 10~8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تېمپېراتۇرا ئومۇميۈزلۈك 8~5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن.
(ليۇ شىن فوتوسى)