تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«بىمەنە ئىشلار» ئەتراپىمىزدا يەنە يۈز بەرمىسۇن

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپ

  دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، بىر مەزگىل بەزى كىشىلەر تام تۈۋىدە ئاپتاپسىنىپ، يېتىپ ئۇخلاپ، «تۆۋەن كاپالەت پۇلى» ئېلىشقا رازى بولدىكى، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىدى، پەرزەنتلىرىگە زامانىۋى پەن- مەدەنىيەت تەربىيەسى ئالغۇزمىدى؛ تويلاردا ناخشا- مۇزىكا، ئۇسسۇل، خۇشال كۈلكە- چاقچاقلار يوقالدى، دەپنە مۇراسىملىرىدا يىغا ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدىغان بولدى، قاپقارا نىقابلىق كىيىم رەڭگارەڭ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىملەرنىڭ ئورنىنى ئالدى؛ بەزىلەر توي قىلغان قېتىم سانىنىڭ ئاز- كۆپلۈكىنى بىر خىل «شەرەپ» قىلىۋېلىپ، قانۇنسىز «نىكاھ» ئوقۇتۇش، «تالاق» قىلىش ئارقىلىق ئۆيلەنگەچكە، ئاجراشقاچقا، نۇرغۇن ئائىلە چاك- چېكىدىن ۋەيران بولدى، پەرزەنتلەر ئائىلە ئىللىقلىقى ۋە تەربىيەسىدىن مەھرۇم قالدى؛ ھەتتا يەنە بەزىلەر كىشىلەرنىڭ نېمە يېيىشى، نېمە كىيىشى، نېمە ئىشلىتىشى توغرىسىدا «قائىدە» تۇرغۇزۇپ، كۆلچەك سۈيى ئىچىشكە رازى بولدىكى، ھۆكۈمەت ياساپ بەرگەن تۇرۇبا سۈيىنى ئىچمىدى، ئوقۇغۇچىلارغا تارقاتقان ساپ كالا سۈتىنى تاشلىۋەتتى، ئىئانە قىلىپ بەرگەن تېلېۋىزورلارنى چېقىۋەتتى، بالىلار پارالېچ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تاتلىق كۇمىلاچنىمۇ كېيىنكى ئەۋلادلارغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان «زەھەرلىك دورا» دەپ يېيىشنى رەت قىلدى؛ بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ساقلىماي، نامراتلىق، قالاقلىقتا قېلىشقا رازى بولۇپ، ھۆكۈمەت تارقىتىپ بەرگەن نامراتلارنى يۆلەش قويىنى يېۋالدى، خىمىيەۋى ئوغۇتنى سېتىۋەتتى، يوتقان- كۆرپىلەرنى كاۋاپقا تېگىشىۋەتتى؛ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەنگەنلىكى، بېيىغانلىقى ۋە قۇدرەت تاپقانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇۋېتىش خام خىيالىدا بولدى، ۋەھاكازالار. بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەق- ناھەق قارىشى ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ، ئىجتىمائىي كەيپىيات سۇسلىشىپ، ئەدەپ- ئەخلاق بۇزۇلۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىر ئىزدا توختاپ قالدى، مىللىي مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرى كۆپ ۋە ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ، بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ياش ئەۋلادلارغا زىيان يەتكۈزدى، ئۇيغۇر مىللىتى ھايات- ماماتلىق ھالقىلىق پەيتكە دۇچ كەلدى.

  كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر قولدا زەربە بېرىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئالدىنى ئېلىشنى تۇتۇش»، ھەم زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش، ھەم كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيەسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىك خىلاپلىق قىلىش جىنايى قىلمىشى بار كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەپ، قۇتقۇزۇپ قېلىپ، ئۇلارنى قايتىدىن مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسى ۋە قۇربانى بولۇشتىن ساقلاپ قالدى. پەيزاۋات ناھىيەلىك، قەشقەر شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدە ئىلگىرى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىپ زەھەرلەنگەن، ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەقسىز تەلىم- تەربىيەسى ئارقىلىق دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى پىششىق ئىگىلىگەن، يەنە كېلىپ ئىدىيەۋى قارىشىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغان، بىر خىل ماھارەت ئىگىلىگەن، يەنە مۇقىم، خېلى كۆپ كىرىم قىلىۋاتقان، روھىي قىياپىتىدە يېپيېڭى ئۆزگىرىش بولغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تەربىيەلەنگۈچىنىڭ سۆزى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. ئۇ: «ئىلگىرى ھەم قانۇننى بىلمەيتتىم، ھەم دىننىمۇ چۈشەنمەيتتىم، باشقىلار نېمە دېسە شۇنداق قىلاتتىم، مەن ھەقىقەتەن بەزى خاتا ئىشلارنى، بىمەنە ئىشلارنى قىلغان ئىكەنمەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مېنى يار لېۋىدىن قايتۇرۇپ كەلدى، ماڭا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگەتتى، مېنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان يولدا داۋاملىق مېڭىۋېرىشىمدىن ساقلاپ قالدى» دېدى. مەن ئۇلارنىڭ ئويغانغىنىدىن ۋە ئۆزگەرگىنىدىن چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولدۇم، ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيەلەردە كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى قۇرغانلىقىغا تېخىمۇ ئاپىرىن ئېيتتىم.

  بىر قىسىم كىشىلەر تېخىچە «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ خەۋپىنى تونۇپ يەتمەي، يەنىلا ھوشىنى تاپماي، ئۆزىنىڭ خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، خام خىيال سۈرمەكتە. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەسلىسەك، ھەمىشە ئۆزىنى چاغلىمايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر قاتتىق باش قاتۇرۇپ، ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مالىمانچىلىق پەيدا قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا مەقسىتىگە يېتەلمەي، تارىخنىڭ جىنايەتچىسىگە ئايلاندى. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، مالىمانچىلىق كىشىلەر قەلبىگە ياقمايدۇ، بۆلگۈنچىلىك كىشىلەر قەلبىگە ياقمايدۇ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بۇنداق قىلمىشى ياچىۋەكنىڭ ھارۋىنى توختاتماقچى بولغىنىغا ئوخشاش، ۋەتەننى پارچىلاش قىلمىشى چۈمۈلىنىڭ دەرەخنى لىڭشىتماقچى بولغىنىغا ئوخشاش ئەخمىقانىلىك، ئۆزىنى چاغلىماسلىقتۇر. «خەلق خاتىرجەملىككە ئىنتىزار، دۈشمەن مالىمانچىلىققا تەشنا». ھەربىر بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلگۈچى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سەپسەتىلىرىگە ئالدىنىپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ يۇرت- ماكانىمىزغا بالايىئاپەت ياغدۇرۇشىغا يول قويماسلىقى، كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھازىرقى تەستە قولغا كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن چەك- چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، قەتئىي ھالدا «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  ئۇيغۇرلاردا «ناداننىڭ كۆزى كور؛ كۆزى كور قارىغۇنىڭمۇ بىلىمى بولۇشى كېرەك» دەيدىغان ماقال- تەمسىل بار. شۇنچە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئالدىنىپ قېلىشىمۇ نادانلىق، بىلىمسىزلىكتىن بولغان. مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن دىنىي خادىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەلىم- تەربىيە پائالىيىتى جەريانىدا، بىر تەرەپتىن، مەن بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ۋەتەننى سۆيىدىغان، دىننى سۆيىدىغان، بەلگىلىمىگە بويسۇنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىدىغان، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بىمەنە سەپسەتىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەيمەن. يەنە بىر تەرەپتىن، مەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئىلىم- پەن، مەدەنىيەت بىلىملىرىنى كۆپرەك ئۆگىنىپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

  «پۇرچاق قانچە ئېتىلسىمۇ، قازاننى تېشىۋېتەلمەيدۇ». شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، مۇستەھكەم پولات سېپىل قۇرۇپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرساقلا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھىيلە- نەيرىڭى ئۆزلۈكىدىن بەربات بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ