تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى قەدىرلەپ، بەختىيار كىشىلىك تۇرمۇش يارىتىمىز

ـــــ ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىدىن كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى

  مۇخبىرىمىز سۈي يۈنيەن

  خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى تەربىيەلەنگۈچى گۈلنۇر ھىمىت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شۇنچىۋالا كۆپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىزنى كۆرگىلى كەپتۇ، راستىنلا بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن!» 11- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى خوتەن ۋىلايىتىدە كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا جەمئىيەت تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

  ئۆگىنىش، تۇرمۇشۇڭلار قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى؟ ئۆگىنىشتە ئەپچىل ئۇسۇلۇڭلار بارمۇ- يوق؟ قانداق مەدەنىيەت پائالىيىتىنى بەكرەك ياقتۇرىسىلەر؟ كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىلەر؟... ياشلار بىللە بولسا ئورتاق سۆز تېمىسى كۆپ بولىدۇ، ئورتاق كۆز قاراشلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ.

  چوڭقۇر پىكىرلىشىش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ چوڭقۇر ھېس قىلغىنى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ يورۇق، ئوچۇق، ئاكتىپ روھىي قىياپىتى بولدى. شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ رۇڭفەن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ قىلىشمىغان گەپلىرىمىز قالمىدى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى تەلىم- تەربىيە پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بەختىيار كىشىلىك تۇرمۇشنى يارىتىش ئىكەن».

  دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراقلاشقاندىلا، ئاندىن كەلگۈسى بولىدۇ

  چۈشتىن كېيىنكى قۇياش نۇرى يورۇق، سۈزۈك دېرىزىدىن چۈشۈپ تۇراتتى، خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىدىكى ئۇسسۇل سىنىپىدا، مۇزىكا بىلەن ئۇسسۇل ئىللىق قۇياش نۇرىدىنمۇ بەكرەك ئىللىق ئىدى.

  تەربىيەلەنگۈچى ئىناۋەت رازاق بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ياراشتۇرۇپ قىلىۋالغان گىرىمى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى قىز ساۋاقداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىناۋەت مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى گىرىم قىلىشنى بىلمەيتتىم، قارا رەڭلىك ئۇزۇن كىيىم كىيىپ، يۈزۈمنى ئوراپ يۈرەتتىم، ئىشىكتىنمۇ چىقمايتتىم، كۆرۈشسەكمۇ چىرايىمنى كۆرەلمەيتتىڭلار، مېنىڭ ياش ياكى ياشانغان كىشى ئىكەنلىكىمنى ئايرىيالمايتتىڭلار».

  «يەنىلا ھازىرقى ھالىتىڭىز چىرايلىق ئىكەن!» دېيىشتى قىز ساۋاقداشلار تەڭلا.

  ئىناۋەتنىڭ تەسىراتى چوڭقۇر بولۇپ، كۈنبويى يۈزىنى ئوراپ يۈرسە، ئادەمدە ئىشەنچ بولمايدىكەن، ئوي- پىكرى تار بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆگىنىش ئارقىلىق مەن ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگەردىم، ھەتتا يەنە تېخىمۇ كۆپرەك بىر نەرسە ئۆگىنىۋالسام دەيمەن. ماھارەت كۆپ بولسا ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، شۇنداقمۇ؟»

  25 ياشلىق نۇرمەمەت روزىمۇ ئوخشاش تەسىراتقا ئىگە ئىكەن. ئۇ باشقا تەربىيەلەنگۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە زامانىۋى ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بولۇپ، چېچىنى مودا قىلىپ قىسقا ياسىتىۋالغانىدى، ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى ئانچە قاملاشتۇرالمىغان بولسىمۇ، بىراق خۇشال- خۇرام چىراي ئىپادىسى ئۇنىڭ ئۇسسۇلدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.

  نۇرمەمەت كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ناخشا ئېيتالمايتتۇق، ئۇسسۇل ئوينىيالمايتتۇق، بىز جەمئىيەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغانىدۇق. ئۆگىنىش ئارقىلىق ھازىر نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز، جەمئىيەت ئېقىمىغا يېتىشىۋالدۇق».

  شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يادىكار باتۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراقلاشقاندىلا، ئاندىن كەلگۈسى بولىدۇ، ئىدىيەدە ئۆزگىرىش بولسا، تۇرمۇشمۇ ئۈمىدكە تولىدۇ. تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھېكايىسىدىن بىز دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇدۇق، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتتۇق. كىچىك نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ بىر كىشىنىڭ، بىر ئائىلىنىڭ بەختى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ چوڭ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك».

  يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزۈش جەريانىدا نامايان بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

  خوتەن شەھەرلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ تىككۈچىلىك زاۋۇتىدا، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى. زاۋۇت تەرەپنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تەربىيەلەنگۈچىلەر تەدرىجىي ماھارەت ئىگىلىگەندىن كېيىن خىزمەت ئورنىغا چىقىدۇ. ئورتاق خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، تەربىيەلەنگۈچىلەر ئىچكىرىدىن كەلگەن تېخنىك خادىملار بىلەن چوڭقۇر، قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى قويۇقلاشتى.

  شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەمرۇللا ئەركىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ خىزمەت مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن، مانا بۇ تىككۈچىلىك زاۋۇتىنى ئېلىپ ئېيتساق، ھەر بىر تەربىيەلەنگۈچىنىڭ ئورۇندۇقىدا بىردىن سېلىنچا بار ئىكەن، زاۋۇت تەرەپ ھەتتا بۇ تەپسىلاتلارغىچە ئەتراپلىق ئويلىشىپتۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندىم. بۇ يەرنىڭ ھەممە يېرىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى بار ئىكەن، پەقەت كۆپچىلىك ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقاندىلا، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ».

  خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ تىككۈچىلىك زاۋۇتىدا، 26 ياشلىق تېخنىك تۇرسۇننىسا ئەلى تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مەشغۇلاتىغا ئەتراپلىق يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىگە مۇنداق دېدى: «مەن تەربىيەلەش مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، يەنە تىككۈچىلىك زاۋۇتىغا قايتىپ كېلىپ خىزمەت قىلدىم، تېخنىكلىقنى ئۈستۈمگە ئالغىنىمغا بىر ئاي بولدى».

  تۇرسۇننىسا مىننەتدار بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تەربىيەلەنگۈچى چېغىمدا، مەن ھەتتا يىڭنىگە يىپنىمۇ ياخشى ئۆتكۈزەلمەيتتىم، ھازىر مەن <تۇ ئۇستام>غا ئايلاندىم، بۇ دىڭ ئۇستامنىڭ تەربىيەسىدىن ئايرىلالمايدۇ». تەربىيەلەش مەركىزىدە ماھارەت ئۆگەنگەن مەزگىلدە، تىككۈچىلىك زاۋۇتىدىكى دىڭ يوۋچياڭ ئۇستام ئۆزىنىڭ تېخنىكىسىنى كۆپچىلىككە خالىس ئۆگىتىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئەستايىدىل ياردەم قىلدى. بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ مىننەتدارلىق نەزەرى يەنە بىر رەتتىكى ماشىنىنىڭ ئالدىدا تەربىيەلەنگۈچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان دىڭ يوۋچياڭغا چۈشتى.

  شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى غۇلامئەلى ئابلىز مۇنداق دېدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. ھەر بىرىمىز تۇرمۇشتا ئازدۇر- كۆپتۇر چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولىمىز، ھازىر تېخىمۇ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك».

  ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمىز

  خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزىنىڭ تىككۈچىلىك زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەربىيەلەنگۈچى بۇسىدە ئابدۇرېشىت ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بۇسىدە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئائىلەم نامرات ئائىلە، ھازىر مەن ئىشقا ئورۇنلاشتىم، مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، ئائىلەمنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئۆزگەردى. پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا بۇنچە ياخشى ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. مەن ھازىر تېخى كەسىپتە پىشقان ئىشچى ئەمەس، مەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئىش ھەققىنى قولغا كەلتۈرىمەن». ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، ياخشى ۋاقتىمنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىق، نادانلىق ئىچىدە ئىسراپ قىلىۋەتتىم، ھازىر ئويلىسام ئىنتايىن پۇشايمەن قىلىمەن.

  شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى زىلالە ياسىن بۇ يىلقى يازلىق تەتىلدە، خوتەننىڭ يېزا- كەنتلىرىگە بېرىپ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتناشقاندا، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ تېخنىكا ماھارىتىنىڭ دېگەندەك كۆپ ئەمەسلىكى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ قىيىن بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. «تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلاپ، مەن كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ تەقدىرىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ھازىر ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسى ناھايىتى كۈچلۈك، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ناھايىتى يېتەرلىك ئىكەن. كۆپچىلىك تىرىشىپ كىشىلىك ھاياتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن».

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىززەت تۇرداخۇن مۇنداق دېدى: «تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ كۆز ئىپادىسى ۋە گەپ- سۆزلىرىدىن مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەيلى ئۆگىنىش ۋە ياكى خىزمەتتە بولسۇن، ئۇلار ئىنتايىن تىرىشىپتۇ، چۈنكى ئۇلار تېخنىكا ماھارەت تەربىيەسى پۇرسىتىنىڭ تەستە كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، ئۇلار جەزمەن ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاپ، جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولالايدۇ».

  خوتەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم- تەربىيە مەركىزى تىككۈچىلىك زاۋۇتىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان تەربىيەلەنگۈچى ئوغۇلنىسا جۈمە مۇنداق دېدى: «مۇقىم جەمئىيەتتە ياشاش، مۇقىم خىزمەت ۋە كىرىمگە ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزى بەخت. مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن ھەقىقەتەن ناھايىتى قانائەتلىنىمەن. ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇدى، تەربىيەلەش مەركىزى بىزگە يېڭى مامۇق چاپان ئېلىپ بەردى، كىيىپ ناھايىتى ئىسسىق ھېس قىلدۇق». ئوغۇلنىسا ۋە باشقا خادىملارنىڭ ھەممىسى چىرايلىق قىزغۇچ بىنەپشە رەڭ مامۇق چاپان كىيىۋالغانىدى، زاۋۇتتىكى تېخنىكىغا پىششىق تەربىيەلەنگۈچىلەر ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق ئىش ھەققى ئالىدىكەن.

  شىنجاڭ مالىيە- ئىقتىساد داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى كۇڭ فەنشۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق جەمئىيەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەندە ناھايىتى زور تەسىر قالدۇردى! ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ زەھىرىگە ئۇچرىغان بۇ تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يېڭى ھاياتقا قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆردۈم. بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ياخشى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، قەدىرلەشنى بىلىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەردىن بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئۆزۈمگە تەۋە بولغان رەڭدار كىشىلىك ھاياتنى يارىتىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ