تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كورلا شەھىرى ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى 100 كۈچلۈك ناھىيەنىڭ ئالدىنقى ئونىغا كىردى

  ئۆز خەۋىرىمىز (مۇخبىر ياڭ شياۋدۇڭ خەۋىرى): دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەسئۇل بولغان جۇڭگو ئۇچۇر جەمئىيىتى كرېدىت كەسپىي كومىتېتى ۋە مۇستەقىل ئۈچىنچى تەرەپ ئاپپاراتىنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى ئاقىللار ئامبىرى يېقىندا بىرلىكتە «جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى ناھىيەلەرنىڭ تەرەققىيات تەكشۈرۈش دوكلاتى 2018» نى بېيجىڭدا ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، «2018-يىللىق جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى 100 كۈچلۈك ناھىيە ۋە شەھەرنىڭ» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 10 ناھىيە ۋە شەھەر بۇ تىزىملىككە كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سانجى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى ۋە كورلا شەھىرى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىردى.

  رەت تەرتىپى ۋە رىقابەت كۈچى كۆرسەتكۈچى بويىچە، 100 كۈچلۈك ناھىيە ۋە شەھەرلەرنىڭ قاتارىغا كىرگەن ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 10 ناھىيە ۋە شەھەرلەر تەرتىپ بويىچە: سانجى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، كورلا شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرى، كۇچا ناھىيەسى، غۇلجا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، قەشقەر شەھىرى ۋە كۈيتۈن شەھىرى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى