شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: بۇ يىل 10-ئاينىڭ بېشىدا، لوپنۇر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى تارىم سۇ ئامبىرىدا چارلاپ مۇھاپىزەت قىلىۋاتقاندا، مىڭغا يېقىن پەسىل قۇشلىرىنىڭ بۇ يەردە ئويناقشىپ ئوزۇق ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. تارىم سۇ ئامبىرى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ قۇشلارنى كۆزىتىش نۇقتىسى بولۇپ، بۇلتۇر بۇ جايدا 2000دىن ئارتۇق ھەرخىل پەسىل قۇشلىرى بايقالغان. بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا، خىزمەتچى خادىملار يەنە بىر قېتىم سۇ ئامبىرىدا چارلاپ مۇھاپىزەت قىلىۋاتقاندا، پەسىل قۇشلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ، 2017-يىلىدىكىدىن ئاشقانلىقىنى بايقىغان.
لوپنۇر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى خەن خۇڭ مۇنداق دېدى: ئۇزۇن مەزگىللىك تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئارقىلىق تارىم سۇ ئامبىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان قارنا، قىزىل باشلىق چۆمگەك ئۆردەك، كۆك غاز، يېشىل باش ئۆردەك، ھاڭگىرت، ئۇقار قاتارلىق پەسىل قۇشلىرىدىن باشقا، يەنە قىزىل تۇمشۇق چايكا، ئاق چايكا قاتارلىق چايكا تۈرىدىكىلەر بار.
لوپنۇر ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئورمان بايلىقى پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ۋاڭ دېلىن مۇنداق دېدى: 10-ئاي كىرىشى بىلەن، پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كېلىدۇ، تارىم سۇ ئامبىرى بولسا پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش لىنىيەسىدىكى چوقۇم ئۆتىدىغان جاي بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەر قۇشلارنىڭ كۆچۈش سەپىرىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ قالدى.