تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

مارالبېشى ناھىيەسىدە ئۆزگىچە باقمىچىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

  كەنت ئاھاللىسى كۈركە توخۇلارغا يەم بەرمەكتە. (سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىدىن گو لې تەمىنلىگەن.)

  مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 8-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى شامال يېزىسى ئاقكۆل كەنت ئاھالىسى مەمەت مەممەت ئەتىگەندىلا ئورنىدىن قوپۇپ تەييارلاپ قويۇلغان يارما قوناق ۋە سۇنى توخۇ كاتىكىگە ئېلىپ كىرىپ كۈركە توخۇلارغا يەم بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  مەمەت مەممەت خانىش توخۇسى، ئۈنچە توخۇ، كۈركە توخۇ...... قاتارلىق ئەتىۋارلىق توخۇلارنىڭ كاتەك ئىچىدە ئۇيان، بۇيان دانلاپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ بىر خىل خۇشاللىق تەبەسۇمى چېھىرىدە جىلۋە قىلدى.

  ئەسلىدە، بۇ يىل مەمەت مەممەت ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ شامال يېزىسى ئاقكۆل كەنتدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 1-شۇجىسى نى يىفېي ۋە شۇ جايدىكى «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەتىرىتى شۇنىڭدەك كەنت «ئىككى كومىتېت»نىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 120 خانىش توخۇسى، 70 كۈركە توخۇ باققان.

  مەمەت مەممەت مۇخبىرغا، ئىلگىرى 40-50 يەرلىك تۇخۇ بېقىپ، ياخشى كىرىم قىلالمىغانلىقىنى، خانىش توخۇسى ۋە كۈركە توخۇغا ئوخشاش ئەتىۋارلىق توخۇلارنىڭ باھاسى يەرلىك توخۇلارنىڭ باھاسىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى ئاستىدا باش بولۇشنىڭ يولى داغداملاشقانلىقىدىن مەمنۇن بولدى.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتە 31 مىڭ ئۈنچە توخۇ، كۈركە توخۇ، خانىش توخۇسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 15 مىڭ توخۇ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ بېقىلىدۇ. يەنە قالغان 15 مىڭ توخۇ شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىغا تارقىتىپ بېرىلگەن بولۇپ كەنت ئاھالىلىرى ئايرىم ھالدا ئۆز ئالدىغا باقىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ شامال يېزىسى ئاقكۆل كەنتدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ 1-شۇجىسى نى يىفېينىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى بۇ ئەتىۋارلىق توخۇ باقمىچىلىقىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى، بىز سودىگەرلەر بىلەن ئالاقە قىلدۇق، يەنە 60 كۈندىن كېيىن 31 مىڭ توخۇنىڭ ھەممىسى ياخشى بازار تاپىدۇ، مۇشۇ بويىچە مۆلچەرلەپ ھېسابلىغاندا پايدا 2 مىليون ئەتراپىدا بولىدۇ.

  نى يىفېينىڭ يەنە مۇنداق دېدى: ھەر بىر نامرات ئائىلە 50-200 گىچە توخۇ باققان بويىچە ھېسابلىغاندا، ھەر بىر نامرات ئائىلە ئاز بولغاندا كىرىمىنى 5000 يۈەن ئاشۇرالايدۇ. بۇ ئەھۋالدا نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۇنچە تەس ئىش ھېسابلانمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن كەنت كىرىمى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە باقمىچىلىقنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ باي بولۇشتىكى يېڭى يول ۋە «سۈرئەت ئاشۇرۇش ئەسۋابى»غا ئايلاندۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ