شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت-تەرەققىيات كومىتېتى نەچچە تارماق بىلەن بىرلىكتە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئىلھام بېرىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنى يېتىشتۈرۈپ زورايتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت-تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئەمما يەنىلا يېتەرسىزلىك ۋە كەمتۈكلۈك مەۋجۇت، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىغا موھتاج» دېدى.