تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئون ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز 2 مىليون 729 مىڭ ئادەم (قېتىم) يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى

پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندىدى

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقان، 10- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون 2 مىليون 729 مىڭ ئادەم (قېتىم) يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندىغان.

  شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسلىق يولى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىز 2 مىليون 301 مىڭ ئادەم (قېتىم) يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %84.3 ىنى ئىگىلىگەن؛ شىنجاڭ ئىچىدە 364 مىڭ ئادەم (قېتىم) رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %13 ىنى ئىگىلىگەن؛ 25 مىڭ 378 كىشىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلارغا تولۇق ئىشتاتلىق يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش- باشقۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۆز ئىسمى بىلەن تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى بويىچە ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى. 10- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچىدىن جەمئىي 82 مىڭ كىشى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 75 مىڭ كىشى ئالتە ئايدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %92 كە يەتكەن.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى، بىر تەرەپتىن، ھەرقايسى جايلار شۇ جايدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ھەمراھ زاۋۇت، خەلق تۇرمۇشى دۇكىنى، نامراتلارنى يۆلەش سېخى قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىلىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، تەشكىللىك چىقىرىش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ، بىڭتۈەن ۋە يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك كۈچى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىش ئورنى، كېلىشىم ئىمزالاشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تولۇق ئىشتاتلىق، تەشكىللىك، كۆلەملىك ھالدا ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ خىل تەدبىر ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، يۆتكەلگەن خادىملارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى ھازىرقى ئىش ئورنىدا قالالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، ياخشى ئىشلىيەلەيدىغان قىلىپ، تىرىشچانلىقى ۋە جاسارىتى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان- ۋەزىپىسى 2 مىليون 700 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ