11-ئاينىڭ 2-كۈنى، رازىيە راخمان (ئوڭدا) ئۈرۈمچىدىكى خېرىدار زاكاز قىلغان كىيىملەرنى تىكىۋاتقان ئاچا-سىڭىللىرىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
ئۆز خەۋىرىمىز (مۇخبىر جى شياۋجېن، ئىختىيارىي مۇخبىر تۇرسۇن ئوسمان خەۋىرى): بۈگۈر ناھىيەسى چېدىر يېزىلىق ھۆكۈمەت يېنىدىكى رازىيە تىككۈچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى رازىيە راخمان 11-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاچا-سىڭىللارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، ئۈرۈمچىدىكى خېرىدار زاكاز قىلغان كىيىملەرنى تىكتى.
بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن رازىيە بۈگۈر ناھىيەسى چېدىر يېزىسىنىڭ چىگىلىك كەنتىدە تۇغۇلغان، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغانلىقتىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە بېرىپ كىيىم لايىھەلەش ۋە تىكىشنى ئۆگەنگەن ئىدى.
كىيىم لايىھەلەش ئىدىيەسى ۋە كىيىم تىكىش تېخنىكىسىنى تەدرىجىي ئىگىلىگەندىن كېيىن، رازىيە ئادەتتىكى بىر شاگىرتتىن پۇختا ماھارەتكە ئىگە كىيىم لايىھەلەش ئۇستىسىغا ئايلىنىپ، يۇرتىغا قايتىپ تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچتى. 2014-يىلى 4-ئايدا رازىيە تىككۈچىلىك دۇكىنىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، رازىيە تىككۈچىلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇردى.
رازىيەنىڭ شىركىتىدە ھازىر ئۇزاقتىن بۇيان ئىشلەۋاتقان چىگىلىك كەنتىدىكى 10 ئايال بار. رازىيە يەنە ھازىرقى خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاپ، خىزمەت ئورنىنى كېڭەيتىپ، كەنتتىكى باشقا خانىم-قىزلارنىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، بىرلىكتە باي بولۇشنى پىلانلىدى.