تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

چىن كۆڭۈل، سەمىمىيلىكتىن چىن مۇھەببەتكە ئېرىشىش

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن يەتتە ياشلىق مەمەت غۇجىئابلا جاراڭلىق مۇزىكىغا جور بولۇپ «يۇلتۇزلار» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى. ئۇ: «بۇ ناخشىنى شياۋلياڭ ئاپام ئۆگىتىپ قويغان، مەن بۇ ناخشىغا ئەڭ ئامراق» دېدى. مەمەت غۇجىئابلانىڭ «شياۋلياڭ ئاپا» سى خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى لياڭ يىڭ ئىدى.

  لياڭ يىڭنىڭ يان تېلېفونىغا مەمەتنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار-ئۆسمۈرلەر قوش تىل مۇسابىقىسىدە سۆزلىگەن «مەن ۋە شياۋلياڭ ئاپام» دېگەن نۇقتىنىڭ ۋىدىيوسى ساقلانغان بولۇپ، لياڭ يىڭ: «بۇ ۋىدىيونى يان تېلېفونۇمدا ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتىمەن، ھەر كۆرگىنىمدە ھاياجانلىنىمەن، مەمەت مېنىڭ ئوغلۇم» دېدى.

  2017-يىلى 10-ئايدا لياڭ يىڭ كېرىيە ناھىيەسى سىيەك يېزىسى كۆكمەت كەنتىدىكى ئاھالە غۇجىئابلا روزى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان ئىدى، غۇجىئابلا ئايالى بىلەن دائىم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، مەمەتكە قارايدىغان ئادەم يوق ئىدى. لياڭ يىڭ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن مەمەتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇلارنىڭ «ئانا-بالىلىق رىشتىسى» باغلاندى.

  لياڭ يىڭ مەمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش شارائىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 9-ئايدا مەمەتنى كېرىيە ناھىيە بازىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكىدى، ھەر ھەپتە ئاخىرى ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كەلدى.

  «شياۋلياڭ ئاپام ماڭا ئويۇنچۇق، كىيىم-كېچەك، كىتاب ئېلىپ بەردى، 7-ئايدا يەنە توغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بەردى»، توغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغاندا مەمەتنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

  لياڭ يىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چىن كۆڭۈل، سەمىمىيلىكتىن كېلىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ يەنە روزىخان ئىسىملىك بىر «ئاپا»سى بار. 9 يىل ئىلگىرى لياڭ يىڭ يۇرتى شەنشىدىن شىنجاڭنىڭ كېرىيەگە خىزمەت قىلغىلى كەلگەندە روزىخان ئۇنىڭغا خۇددىي يېقىن تۇغقىنىدەك ئىللىقلىق بەرگەن ئىدى.

  لياڭ يىڭنىڭ خىزمىتى گەرچە  ئالدىراش بولسىمۇ، ئىزچىل روزىخاننى ئۇنتۇپ قالمىدى. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى روزىخاننىڭ ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىدىغان كۈنى ئىدى، بۇ كۈنى لياڭ يىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ روزىخاننىڭ يېڭى كۆچكەن ئۆيىگە كەلدى، روزىخان تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدى.

  لياڭ يىڭ: «ھەر قېتىم كەنتكە كەلگەندە روزىخان تەييارلاپ قويغان يېمەكلىكلەرنى تاپشۇرۇۋالىمەن. روزىخان مېنىڭ ئاپام، ئۇ ماڭا يېقىن تۇغقانلارنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ