11-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ياڭجوۋ شەھەر ئاھالىلىرى كارتىسى ۋە «ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش بويىچە شەھەر ئاھالىلىرى كارتىسىنىڭ جۇغلانما نومۇرىنى نەقلەشتۈرۈش سۇپىسى» يانفون تېرمىنال بېتىنى كۆرسەتمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجوۋ شەھىرى خەنجياڭ رايونى جۇشى مەھەللىسىدە 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش بويىچە شەھەر ئاھالىلىرى كارتىسىنىڭ جۇغلانما نومۇرىنى نەقلەشتۈرۈش سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «ئالاقە تورى + ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش» سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدا ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش جۇغلانما نومۇرى بىلەن شەھەر ئاھالىلىرى كارتىسى ئۆزئارا باغلانغان بولۇپ، ئاھالىلەر شەھەر ئاھالىلىرى كارتىسىنى سۈركەپ، ئەخلەتلەرنى ئەخلەت ساندۇقىغا تۈرگە ئايرىپ تاشلىسا، جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشەلەيدۇ، ئاندىن جۇغلانما نومۇرغا «ھاسىلىي بايلىق ئالماشتۇرۇش تاللا بازىرى»دا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئالماشتۇرالايدۇ. (جۇاڭ ۋېنبىن فوتوسى)