يەر شارى جانلىقلار گېن گۇرۇپپىسى پىلانى يەر شارىدىكى بارلىق مۇرەككەپ جانلىقلارنىڭ ئىرسىيەت كودىنى يېشىپ بېرىشى مۇمكىن. سۈرەت مەنبەسى: فىزىكا ئالىملىرى تەشكىلىي تورى
فىزىكا ئالىملىرى تەشكىلىي تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئالىملار ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە غايەت زور يەر شارى خاراكتېرلىك پىلان — يەر شارى جانلىقلار گېن گۇرۇپپىسى پىلانىنى رەسمىي قوزغاتقان بولۇپ، ئۇلار پىلان بويىچە 10 يىل ئىچىدە يەر شارىدىكى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان 1 مىليون 500 مىڭ خىلدىن ئارتۇق ھەقىقىي يادرولۇق جانلىقلارنىڭ گېن گۇرۇپپىسىغا قارىتا تەرتىپىنى ئۆلچەش، مۇندەرىجىلەشتۈرۈش ۋە تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدىكەن، بۇنىڭغا 4 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
ھازىرغا قەدەر 3500 (پەقەت %0.2نى ئىگىلەيدۇ) گىمۇ يەتمەيدىغان مۇرەككەپ جانلىقلارنىڭ گېن گۇرۇپپىسى تەرتىپىنى ئۆلچەش تاماملانغان، تەرتىپ ئۆلچەش نەتىجىسىدە بولسا تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن تەمىنلەشكە بولىدىغانلىرى 100 گىمۇ يەتمىگەن. يەر شارى جانلىقلار گېن گۇرۇپپىسى پىلانىدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان گېن گۇرۇپپىسى تەرتىپىنى ئۆلچەش نەتىجىسىنى بىر مىليوندىن ئارتۇققا يەتكۈزۈشتە ئۈمىد بار ئىكەن. ئالىملار: بۇ، كىشىلەرنىڭ بىيولوگىيە ۋە تەدرىجىي تەرەققىياتقا بولغان تونۇشىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىپ، تەبىئەتنى قوغداش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دېدى.
ھازىر ئامېرىكا، ئەنگلىيە، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 17 ئورگىنى چۈشىنىش ئەسلەتمىسىگە ئىمزا قويۇپ، بۇ تۈرنىڭ ئاخىرقى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى