تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 200 ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى 11-ئاينىڭ ئاخىرى تاماملىنىدۇ

ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ ئىچكى مۇھىتى (يۈ يىچاڭ فوتوسى)

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. سوغۇق ۋە ئىسسىق سۈيى بار، يەنە تېخى پۇراق يوقىتىش قۇرۇلمىسىمۇ بار... ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 200 ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى 11-ئاينىڭ ئاخىرى تاماملىنىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، شەھەر ئاممىسىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.

  11-ئاينىڭ 6-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى(مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى «ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى»نى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش قاتارىغا كىرگۈزۈپ، كىشىلەر ئېقىمى زىچ رايونلاردىكى 200 ئاممىۋى ھاجەتخانىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ ۋە بىر تۈركۈم ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۈلگە ئاممىۋى ھاجەتخانىلارنى بەرپا قىلىپ، پاكىز، رەتلىك بولغان ھاجەتخانا مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى