ئەنگلىيەدىكى تەتقىقاتچىلار «كۆپ سۇ خالايدىغان» ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېرە ئاسراش رولىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار «كۆپ سۇ خالايدىغان» ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا كۆپ مىقداردا سۇ ۋە كۈن نۇرىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىنى، كاربون (IV) ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ ئوكسىگېن قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئەتراپتىكى ھاۋاغا سۇ ھورى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ جەريان ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئۆي ئىچىدىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ھاۋانى يەنىمۇ نەملەشتۈرۈپ، ئادەمنىڭ تېرىسى ۋە نەپەس يولىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىنى ئازايتىپ، نەپەس يولى يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن ھەمدە تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. تەتقىقاتچىلار كۆپ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆي ئىچى ھاۋا سۈپىتىنى ياخشىلاش ئىقتىدارىغا قارىتا سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىپ، سپاتىفىل ۋە تامپېلەكنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى