تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مۇقىملىق پايدىسى ‹‹مۇقىم بەخت›› ئېلىپ كەلدى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ

  10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەنشەن مەھەللىسىدىكى مەدەنىيەت – سەنئەت كىچىك ئەترىتىنىڭ رېپېتىتسىيە قىلىش كۈنى ئىدى. كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزلىرى تەييارلىغان ئېتۇتلار ئارقىلىق تۇرمۇشىدىكى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلدى. ‹‹شەھەر پاكىزلىشىپ ھەم چىرايلىقلىشىپ كەتتى، مەھەللىنىڭ مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى››، ‹‹نەۋرەم ھەقسىز سۈت ئىچەلەيدىغان بولدى، پېنسىيەگە چىققان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى يەنە ئۆستى››.... ھەر بىر ئېغىز سەمىمىي سۆزدە پۇقرالار كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان ئەمەلىي نەپ بايان قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭلىقلارنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەخت ۋە رازىمەنلىك ئىپادىلەنگەنىدى.

  ئامما كۈلدى، كەيپىيات كۆتۈرۈلدى، ئىشەنچ تولۇپ تاشتى، مۇقىملىق پايدىسىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ‹‹مۇقىم بەخت›› ئېلىپ كەلدى.

  تىنچ – ئامان شىنجاڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

  ‹‹ياخشىمۇسىز، فوتو ئاپپاراتنى تاپشۇرۇۋالدىڭىزمۇ؟››، ‹‹تاپشۇرۇۋالدىم، لى ساقچى سىزگە كۆپ رەھمەت!››، ‹‹فوتو ئاپپارات بۇزۇلمىغاندۇ، ساقلاش كارتىسى ساقمىكەن؟ سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى بارمىكەن››، ‹‹فوتو ئاپپارات بۇزۇلماپتۇ، كۆپ رەھمەت! كەسىپچان شىنجاڭ ساقچىلىرىغا ئاپىرىن، تىنچ – ئامان شىنجاڭغا ئاپىرىن!››

  بۇ، 10 – ئاينىڭ 29 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى جەنۇبىي ۋوگزالدىكى ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىدا يۈز بەرگەن ئىش بولۇپ، خۇنەن چېنجوۋغا قايتىپ بولغان ساياھەتچى فەن لىچيۇڭ ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىدىكى ساقچى لى دەي بىلەن سىنلىق سۆزلىشىۋاتاتتى. فەن لىچيۇڭنىڭ نەزەرىدە، يىتىپ كېتىپ قايتا تېپىلغان فوتو ئاپپاراتتا گۈزەل شىنجاڭنىڭ كۆركەم مەنزىرىسى ساقلانغاندىن باشقا، يەنە شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە قىزغىنلىقىمۇ ساقلانغانىدى.

  بىر ھەپتە ئىلگىرى، فەن لىچيۇڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىپ، شىمالىي شىنجاڭدا ساياھەت قىلغاندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى پويىزغا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە بېرىپ داۋاملىق ساياھەت قىلماقچى بولدى، ئەمما پويىزغا چىقىشتىن ئىلگىرى فوتو ئاپپاراتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى. فەن لىچيۇڭ ۋوگزال مەيدانىغا يېقىن يەردە ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىغا كىرىپ دېلو مەلۇم قىلىدۇ. ‹‹پويىزنىڭ قوزغىلىشىغا ئاز قالغاچقا، مەن بىلەن ئائىلەمدىكىلەر ئالدىراپ – تېنەپ پويىزغا چىقتۇق، فوتو ئاپپارات ئەمدى تېپىلمايدۇ دەپ ئويلىغانىدىم››. ئويلىمىغان يەردىن پويىز تۇرپانغا بارماي تۇرۇپلا، فەن لىچيۇڭ لى دەيدىن كەلگەن تېلېفوننى ئېلىپ، فوتو ئاپپاراتنىڭ تېپىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئەسلىدە، دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، لى دەي فەن لىچيۇڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، ۋوگزالنىڭ يېنىدىكى ئاشخانىدىن يىتىپ كەتكەن فوتو ئاپپاراتنى تاپقانىدى. تېزرەك يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، لى دەي ئەتىسى فوتو ئاپپاراتنى فەن لىچيۇڭنىڭ خۇنەندىكى ئادرېسىغا پوچتىدىن ئەۋەتىپ بەردى.

  لى دەي مۇنداق دېدى: بۇنداق كىچىك ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ھازىر شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم، ئاممىغا قولاي ساقچى پونكىتىغا كېلىدىغان جىنايى ئىشلار دېلوسى ياكى ئامانلىق دېلوسى توغرىسىدىكى تېلېفونلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك، ھازىر كۆپىنچە ۋاقىتتا ساياھەتچىلەرگە، شەھەر ئاھالىلىرىگە خىزمەت قىلىدىغان بولدۇق.

  ئاۋاتلىق چەكسىز سودا پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى

  ‹‹سىز ئالماقچى بولغان ئۈستىقۇددۇس ياستۇقىنى سېلىۋەتتىم، ئىككى كۈندىن كېيىن تاپشۇرۇۋالىسىز، خاتىرجەم بولۇڭ!›› 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ – كىچىك كوچىلىرى كۈزنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىنىڭ پىيادىلەر كوچىسىدىكى شىنجاڭ ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى يايما ئورنىدا، بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن ماھىرە سۇلتان ئىچكىرىدىكى خېرىدارى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەچ، دۇكاندىكى خېرىدارلارغا ئەتىرگۈل چېيىنى تاللاپ بېرىۋاتاتتى. ‹‹ھازىر ئەشيا ئوبوروتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلدى، بەزى ساياھەتچىلەر تاۋارلارنى تاللىغاندىن كېيىن، مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىۋاسىتە ئەۋەتىپ بېرىمەن، بۇ ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، ساياھەتچىلەر سېتىۋالغان ماللىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلىدۇ››.

  ماھىرە بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت ئىزدىمەي، پىيادىلەر كوچىسىدىن بىر يايما ئورۇننى ئىجارىگە ئېلىپ، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىنى باشلىدى. ئۇ يەنە دوۋيىندا سىن يوللاپ، ھەر ۋاقىت پىيادىلەر كوچىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى. ‹‹ھازىر چوڭ بازار پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسىغا، شۇنداقلا ياشلار شىنجاڭغا كەلسە چوقۇم كېلىدىغان جايغا ئايلاندى. ئاۋات بولسا سودىمۇ تەبىئىيلا ياخشى بولىدۇ، مېنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچىم كامىل››.

  چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى ‹‹قىزىپ كەتتى››، بۇ يەردىكى دۇكانلار سودىگەرلەرنىڭ نەزەرىدىكى ئەڭگۈشتەرگە ئايلاندى. ئۈرۈمچى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى پىيادىلەر كوچىسى سودىگەر چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى دىلشاتجان مەمەت مۇنداق دېدى: مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش، مەدەنىي ساياھەت قىلىش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى كوچىسىدا جەمئىي 40 يايما ئورنى بار ئىدى، بىراق 3000دىن ئارتۇق سودىگەر تىزىملاتقان بولۇپ، يايما ئورنى تالاشتا قالدى. ھازىر تىجارەت باشلىغىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى، ھەر كۈنى كېلىپ سۈرۈشتۈرىدىغان سودىگەرلەر يەنىلا بەك كۆپ.

  ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت مۇقىم خېرىدار، ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇچۇر ئېقىمى ئېلىپ كەلگەچكە، سودا ئېڭى كۈچلۈك سودىگەرلەر تېز ھەرىكەتكە كەلدى. بۇ يىل 9 – ئايدا، جېجياڭ نىڭبودىن كەلگەن خۇاڭ خۇا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنچى سودا مەيدانىدا 40 كىۋادرات مېتىرلىق كۆزەينەك دۇكىنى ئاچتى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ مۇھىتى مەن ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ياخشى ئىكەن، كۈندىلىك تىجارەت سوممام 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ. شىنجاڭنى تاللىغانلىقىم خاتا بولماپتۇ!

  شىنجاڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنچى مەيدانىنىڭ دىرېكتورى لياڭ مېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر دۇكانلارنىڭ ئىجارىگە بېرىلىش نىسبىتى %100كە يېتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى بىر يىل بولدى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى، ھازىر جەمئىيەت بارغانسېرى مۇقىملاشتى، كىشىلەرنىڭ قەلبى بارغانسېرى مۇجەسسەملەندى، ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسى بازار ئىستىقبالى تېخىمۇ كەڭ.

  ‹‹شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن نام ھەقىقەتەن راست

  جىمجىت كېچە ئاسمىنىدا سان – ساناقسىز يۇلتۇزلار جىمىرلايتتى، غۇڭقا ئاۋازى قۇملۇق ئاسمىنىدا ياڭراپ، شۇنچە يېقىملىق ئاڭلىناتتى... 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، چەرچەن ناھىيەسى قۇملۇقتىكى يۇلتۇزلۇق كېچە غۇڭقا مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. جياڭسۇلۇق ساياھەتچى جاۋ مېڭفەن مۇنداق دېدى: تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى پايانسىز قۇملۇق، ئاسماننى قاپلىغان يۇلتۇزلار، قەدىمىي مۇڭلۇق سادالار، ياڭراق ساز ئاۋازى ھەقىقەتەن ئالاھىدە كەچۈرمىش بولدى. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم قۇملۇقتا غۇڭقا مۇزىكا كېچىلىكىدىن ھۇزۇرلىنىشىم، 1000 يىللىق مېلودىيە قۇلاق تۈۋىمدە ياڭرىغاندا، نوتىلار خۇددى دانە – دانە قۇم دانىچىلىرىدەك يۈرەك تارىمنى چەكتى، بۇ تۇيغۇ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ.

  تۇنيۇ ساياھەتچىلىكى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹2018 – يىلى 4 – پەسىللىك دۇنيا ساياھەت مەنزىلگاھلىرىنىڭ ئالقىشلىنىش كۆرسەتكۈچى››دە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ كۈزلۈك ساياھەتتىكى ئالقىشلانغان مەنزىلگاھقا ئايلانغان. جاۋ مېڭفەنگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى قەدەملىرى بىلەن شىنجاڭنىڭ چوڭلۇقىنى ئۆلچىمەكتە، قەلبى بىلەن شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلماقتا. بۇ يىل 1 – ئايدىن 9 – ئايغىچە، شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان چېگرا ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 132 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن، بۇ سان دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ باھالىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ‹‹شىنجاڭ ياخشى جاي›› دېگەن نام ھەقىقەتەن راست.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىدىكى خەلققە قولاي ساقچى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ رۈي چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى تىجارەت باشلىغان كۈنىدىكى ئۇششاق يېمەكلىكلەر يايمىسىنىڭ ئادەملەر بىلەن لىق تولغان مەنزىرىسىنى ھازىرغىچە ئۇنتۇغىنى يوق. ۋاڭ رۈي مۇنداق دېدى: ئۇ مەنزىرىنى ‹‹500 ئادەم ئولتۇرۇپ تاماق يېسە، 1000 ئادەم ئۆرە تۇرۇپ كۆرەتتى، 2000 ئادەم ھە دەپ ئىچىگە قاراپ قىستىلاتتى›› دەپ تەسۋىرلىسە قىلچە مۇبالىغە بولمايدۇ، ئۆچىرەتتە تۇرۇشمۇ تەلەيگە باغلىق ئىدى. ئادەم كۆپ بولغاچقا، مەن ۋە خىزمەتداشلىرىم بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت تېخىمۇ ئېغىرلىدى، لېكىن كۆڭلىمىز ناھايىتى خۇشال. شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆز يۇرتۇمنىڭ بارغانسېرى خاتىرجەم، بارغانسېرى گۈزەللىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، چىن كۆڭلۈمدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىۋاتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ